دەھشەتلىك قۇياش بورىنى يەرشارىغا ئېغىر تەھدىت سالىدىكەن |
قۇياش بورىنى يۈز بەرگەن ۋاقىتتا يەر شارىغا كۆپ مىقداردا رادىئوئاكتىپ نۇر ۋە زەرەتلىك زەررىچە قويۇپ بېرىدۇ.
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەتلىك دېڭىز ۋە ئاتموسفىرا باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى كەسرىن.سۇللىۋىن يېقىندا ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى:« 2013- يىلى يەر شارى قۇياش بورىنىنىڭ تەسىرىگە تېخىمۇ قاتتىق ئۇچرىشى مۇمكىن. بەلكىم يەرشارى خاراكتىرلىك توك توختىتىشى، ئىنتىرنىت تور، ئېلكتىر ئالاقە ئىشلەشتىن توختاپ قىلىشى مۇمكىن». سۇللىۋىن ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى بوشلۇققا چىققان ئايال ئالەم ئۇچقۇچىسى. ئۇ 1984- يىلى 10- ئاينىڭ 5- كۈنى تۇغۇلغان.«جەڭ ئېلان قىلغۇچى» ناملىق ئالەم ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچىسى بولغان. 17- ماي ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت ئاتموسفىرا يىغىنىدا سۇللىۋىن مۇنداق دېدى:« قۇياش بورىنى بىر گۇمانىي مەسىلە ئەمەس، ئۇ بىز دۇچ كېلىۋاتقان رېئال مەسىلە، بىز ئەڭ قاتتىق يۈز بېرىدىغان قۇياش بورىنىنىڭ قاچان يۈز بېرىدىغانلىقىنى بېكىتىشكە مۇھتاجمىز.» ئەمەلىيەتتە، سۇللىۋىن بىردىنبىر قۇياش بورىنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىس ئەمەس. بۇ يىل 2- ئايدا، بىر نەچچە ئاسترونوملارمۇ ئاگاھلاندۇرۇپ بۇ قېتىملىق قۇياش بورىنىنىڭ ئالدىدا ئىنسانلار تارىختىكى ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. يەرشارى تەييارلىق قىلىشى كېرەك.بىز بۇ قېتىم يەرشارى خاراكتىرلىك «كاترىنا چاپقۇنلۇق بورىنى» غا دۇچ كىلىۋاتىمىز». ئىگىلىنىشلەرگە قارىغاندا، ئەگەر بۇ ئادەتتىن تاشقىرى قۇياش بورىنى يۈز بېرىپ قالسا، يەرشارى زور مىقدارىدىكى رادىئاكتىپ نۇر ۋە زەررەتلىك زەرىچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. سۈنئىي ھەمرا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، سۈنئىي ھەمرا ئالاقىسى ئۈزۈلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئايروپىلانلار ئۇچۇشتىن توختايدىكەن. كەڭ كۆلەملىك توك توختايدىكەن. پۈتۈن يەرشارىدىكى تېلېفون تور سىستېمىسى ئېغىر كاشىلىغا ئۇچرايدىكەن. ئەگەر قۇياش بورىنى يەنىمۇ قاتتىق چىقسا نەچچە ھەپتە ياكى نەچچە ئاي توك بىلەن تەمىنلەش توختايدىكەن. ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، قۇياش قارا دېغى ھەرىكىتى ھەر 11 يىلنى بىر دەۋر قىلغان بولۇپ، قۇياش ھازىر ئەڭ ھەرىكەتچان ھالىتىدە ئىكەن. 2013- يىلى ئەڭ يۇقىرى دولقۇنىغا يېتىپ، ئادەتتىن تاشقىرى قۇياش بورىنىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى چوڭىيىۋاتىدىكەن. 1859- يىلى يەرشارىدا ئەڭ قاتتىق قۇياش بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇ ئىنسانلار تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم خاتىرلەنگەن قۇياش بورىنى . ئۇنىڭدىن باشقا 1972- يىلى يۈز بەرگەن قۇياش بورىنى ئۇزۇن يوللۇق تېلېفوننى ئۈزۈۋىتىپ، ئالاقە كاشىلىسى پەيدا قىلغان. ئالدىنقى قېتىملىق قۇياش بورىنى 2001- يىلى يۈز بەرگەن بولۇپ، سۈنئىي ھەمرا ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-21 0:25:04 ئۇقۇلۇشى: 530 قېتىم] |
|