
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى شىنۋاشىنگېرنىڭ ئاشنىسى ۋە بالىسىنىڭ سۈرىتىنى ئاشكارلىدى
17-ماي، شىۋاشىنگېرنىڭ ئايالى شىلانفو ئوۋپۇلانىڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئۈنئالغۇ پىروگراممىسىغا قاتناشتى. شىلانفو شۇ كۈنى كۆك رەڭلىك كۆڭلەك كىيىۋالغان بولۇپ، كەيپىياتى يولدىشى بىلەن ئايرىلىپ تۇرۇش سەۋەپلىك تەسىرگە ئۇچرىغاندەك قىلمايتتى.
شىلانفو كونا دوستى ئوۋپىلاغا مۇنداق دېدى: «ئۆتكەنكى 30 يىل ئىچىدە، سەن ماڭا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان دوستلۇق مېھرىنى بەردىڭ. سەن بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدا، سەن ماڭا مۇھەببەت، قوللاش، ئەقىل-پاراسەت، ئەڭ مۇھىمى ھەققانىيلىقنى تونۇتتۇڭ». ئوۋپۇلا شىلانفونىڭ قولىنى مەھكەم تۇتىۋالدى، تۆۋەندىكى تاماشىبىنلار قىزغىن ئالقىشلىرىنى ياڭراتتى.
ئامېرىكىدىكى باشقا بىر ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ 18-ماي خەۋەر قىلىشىچە، شىۋاشىنگېر بىلەن نىكاھسىز مۇناسىۋەتتە بولغان ئىشلەمچى ئايالنىڭ سۈرىتى توردا ئاشكارلانغان بولۇپ، بۇ ئايالنىڭ ئىسمى مىردېلىد پاتىلى شابەينا. ئىلگىرى شىۋاشىنگېرنىڭ ئۆيىدە ئايال باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن.
«شەخىس» ژورنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىۋاشىنگېرنىڭ نىكاھسىز بالىسى بارلىقى توغرىسىدىكى بۇ خەۋەرگە نىسبەتەن، شىۋاشىنگېر ھېچقانداق جاۋاپ قايتۇرمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى پەقەت: «بۇ ئادەمنى ئازاپلايدىغان ھەم ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان ئىش. مەن بىر ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن مىنىڭ تېخىمۇ بەكرەك ئەنسىرەيدىغىنىم بالىلېرىم. مەن كۆپچىلىكنىڭ بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىشىنى، بىزنىڭ شەخسىي ئىشلىرىمىزغا ھۆرمەت قىلىپ، ئائىلىمىزنىڭ قايتا قۇرۇلۇپ چىقىشىنى قوللىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ھەم بۇ توغرىسىدىكى سۆزلەرنى قايتا تىلغا ئالغۇم يوق» دېدى.

شىۋاشىنگېر ۋە ئۇنىڭ ئايالى (2006-يىل)

شىۋاشىنگېر ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن بىللە
