سەئۇدىلىق ئايال ماشىنا ھەيدىگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى |
سەئۇدى-ئەرەبىستانلىق ئايال مانالى.شېرىف يەرلىكنىڭ ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشى چەكلەنگەن تۈزۈلمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن 21-ماي قولغا ئېلىندى
شېرىف «ماڭا ماشىنىنى قانداق ھەيدەش، ئۆزىنى قانداق قوغداشنى كۈچەيتىش» پائالىيىتى ئىلىپ بېرىپ، سەئۇدى-ئەرەبىستانلىق ئاياللارنى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى كوللىكتىپ ماشىنا ھەيدشكە سەپەرۋەر قىلغان. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، 120 مىڭ ئادەم بۇ خىل كۆز قاراشنى قوللايدىكەن.
بۇ پائالىيەتنىڭ خەۋرىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن شېرىف 20-ماي، سەئۇدىنىڭ شەرقى قىسمىدىكى خۇباردىن ماشىنا ھەيدەپ چىقىپ يول بويى ئۆزىنىڭ ماشىنا ھەيدىگەن كۆرىنىشىنى سۈرەتكە ئالغان ھەم كۆرۈنمە چاستوتىلىق ماتىرىيالنى توردا تارقاتقان. پائالىيەت تورىنىڭ بېشىغا مۇنداق سۆزلەر يېزىلغان: «بىز قانۇنغا خىلاپلىق قىلماقچى ئەمەس، ياكى نامايىش قىلىپ، يەرلىكنىڭ تۈزۈلمىسىگە قارشى چىقماقچىمۇ ئەمەس، بەلكى پەقەت ئەڭ ئاساسىي ھوقوقىمىزنى قوغداپ قالماقچى». ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى-ئەرەبىستان ساقچىلىرى 21-ماي سېرىفنى قولغا ئالغان بولۇپ، بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىدىكەن. سەئۇدىدا پۈتۈن بارلىق ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشى چەكلەنگەن بولۇپ، ھەتتا سەئۇدىدىكى چەتئەللىك ئاياللارنىڭمۇ ماشىنا ھەيدىشىگە بولمايدىكەن. بىر قىسىم سەئۇدىلىق كىشىلەر 300-400 ئامېرىكا دوللىرىغا شوپۇر تەكلىپ قىلىپ ئاياللارنىڭ سىرتقا چىقىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىكەن. ئەگەر شوپۇر تەكلىپ قىلالمىسا ئەر تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى «ۋەكىللىك شوپۇر» بولۇپ بېرىدىكەن. سەئۇدى-ئەرەبىستانلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆز قارىشىچە، ئاياللار ماشىنا ھەيدىسە، ماشىنا بۇزۇلۇپ قالغاندا ياكى باشقا ئەھۋاللاردا ساقچى ياكى ماشىنا ياسىغۇچى يات ئەرلەر بىلەن ئۇچرىشىشقا توغرا كىلىدىكەن. بۇ ئەنئەنىۋى دىننىي ئۆرپ-ئادەتكە زىت بولۇپ، شۇڭا ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشى چەكلىنىدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-25 23:18:37 ئۇقۇلۇشى: 1026 قېتىم] |
|