باغداتتا ماشىنا پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 4 ئادەم قازا قىلدى |
مەنبە: news.qq.com
2011-05-25 05:15
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 25-ماي تېلىگراممىسى، ئىراق پايتەختى باغداتنىڭ غەربىي جەنۇبىدا 24-ماي پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن پارتىلاش توختىتىپ قۇيۇلغان ماشىنا ئىچىدىكى بومبىنىڭ پارتىلىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، 4 ئادەم قازا قىلغان. بۇ قېتىمقى پارتىلاش باغداتنىڭ سۈننىي مەزھىپى رايونىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، 14 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ قېتىمقى پارتىلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ساقچى ۋە دوختۇرخانا تەرەپتىكى ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان ئەمەلدارلار تەمىنلىگەن. نۆۋەتتە ھېقانداق تەشكىلات بۇ قېتىمقى ۋەقەگە مەسئول بولىدىغانلىقىنى جالارلىمىغان. ئىراقتا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئازلىغان بولسىمۇ، يەنىلا بەزى جايلاردا پارتىلىتىش قاتارلىق تۇيۇقسىز ھۇجۇملار يۈز بېرىپ تۇرغان بولۇپ، كۆپىنچىسى دىننىي مەزھەپلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئالدىنقى ھەپتە يەنى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، باغداتتا زەنجىرسىمان پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 16 ئادەم قازا قىلغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-25 23:59:37 ئۇقۇلۇشى: 144 قېتىم] |
|