| ئەنگلىيەدە تۇنجى يالىڭاچلار مىھمانخانىسى ئېچىلدى |
جۇڭشىن تورى 5- ئاينىڭ 19- كۈنى خەۋىرى: چەتئەل تېلېگرامما خەۋىرگە قارىغاندا، ئەنگلىيە بىرمىنگام رايونىدا يېقىندا ئەنگلىيە بويىچە تۇنجى يالىڭاچ مىھمانخانا ئېچىلدى. بۇ مېھمانخانا تەبئىي مىنرال سۇدا داۋالاش ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، بۇ يەرگە ئارام ئالغىلى كېلىدىغان ساياھەتچىلەر يالىڭاچ يۈرىشىدىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ھەشەمەتلىك مىنرال سۇدا داۋالاش مىھمانخانىسى بۇ يىل تىجارەت باشلىغان بولۇپ، خوجايىن مۇنداق دەيدۇ:« ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ قارىشىدىكى بىرمىنگام « نەم،كۆڭۈلسىز» جاي. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەرنى ماختاشتى. بىز تازلىققا قاتتىق تەلەپ قويىمىز. مىھماندوس كۈتكۈچىلىرىمىز ساياھەتچىلەرگە ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ.» ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:« مۇتەسسىپ ئەنگلىيەدە «يالىڭاچ» يۈرۈش پەقەت ئۆي ئىچىگە قارىتىلغان. ھاۋا كۆپ خىل ئۆزگىرىدىغان بۇ يەردە 365 كۈن كىيىم كىيىپ يۈرىدىغان كىشىلەر ئۆيدىن چىقمىسا بولىدۇ. ئۇ بۇ مىھمانخانىسىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئۈلگىلىك ساياھەت ئورنى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
| [ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-19 20:46:20 ئۇقۇلۇشى: 776 قېتىم] |
|