شىۋاشىنگىرنىڭ 13 ئاشنىسى بارلىقى ئاشكارلاندى |
8 يىل ئىلگىرى شىۋاشىنگىر ئايالىنى ئېلىپ گانا كىنو كۆرگەزمىسىگە قاتناشقاندىكى رەسىمى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 16-ماي تېلگېراممىسى: تەيۋەن «بىرلەشمە گېزىتى» نىڭ 16-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا كالفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سابىق ئىشتات باشلىقى شىۋاشىنگىر بىلەن ئايالى مارى چېۋرون ئايرىلىپ تۇرغاندىن كېيىن، نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەت خەۋەرلىرى يەنە ئاشكارلىنىشقا باشلىدى. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شىۋاشىنگىر بىلەن بىر مەزگىللىك ئاشنا ئوينىغان ئايال جىجى گېيدىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ شىۋاشىنگىرنىڭ بىلەن نىكاھ ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن، جىجىنىڭ دېيىشىچە، شىۋاشىنگىرنىڭ نۇرغۇن ئايال بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 13 ى بىلەن ئاشنا ئوينىغان. شىۋاشىنگىر جىجى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىنكار قىلغان، بىراق 52 ياشلىق، بالىلىق دەۋرىدىلا چولپانغا ئايلانغان جىجى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇنىڭ شىۋاشىنگىر بىلەن بىرلىكتە «يايلاقتىكى كىچىك ئۆي» فىلىمىنى سۈرەتكە ئالغاندا ئۇچراشقانلىقى، شۇ يىلى جىجى 16 ياش بولۇپ شىۋاشىنگىر بىلەن بىر قېتىم ئۇخلاپ باققانلىقى، شۇنىڭدىن كېيىن ئالاقىلاشمىغانلىقىنى، 1989-يىلىغا كەلگەندە يەنە بىر قېتىم بىللە بولغانلىقىنى، بىراق بۇ ۋاقىتتا شىۋاشىنگىر بىلەن مارى توي قىلغىلى ئۈچ يىل بولغانلىقىنى دىگەن. نۆۋەتتە مالىبۇدا ئۆي-مۈلۈك ۋاستىچىلىكى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان جىجىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 11-ماي شىۋاشىنگىرنىڭ ئايالى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغانلىق خەۋىرى ئاشكارلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن تېلىفۇندا ئالاقىلاشقان، ئۇ «ئۇ مېنىڭدىن ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن، بىز ئىنتايىن خوشال پاراڭلاشتۇق، خۇددى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش» دېدى. جىجى شىۋاشىنگىرنىڭ نىكاھىغا ئارلىشىپ قالغانلىق خەۋىرى 2001-يىلى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرغا چىققان، 2003-يىلى «لوس-ئانجىلىس ۋاقىت گېزىتى» دە شىۋاشىنگىر 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ قىزلارغا تەنتەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق خەۋەرلىرى تارقالغان، بىر قىسىم خەۋەرلەردە جەمئىي ئالتە قىزنىڭ شىۋاشىنگىرنىڭ ئاۋارە قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى دىيىلگەن، بىراق ئەينى ۋاقىتتا شىۋاشىنگىر بۇنى ئىنكار قىلغان، مارىيەمۇ بارلىق كۈچى بىلەن ئېرىنى قوغدىغان. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شىۋاشىنگىر بۇ يىل 1-ئايدا ئىشتات باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالغاندىن كېيىن، بارغان يەرلەردە مارىيەنىڭ ئەگىشىپ كەلگەنلىكىنى كۆرمىگەن. ھەمدە 4-ئاينىڭ 26-كۈنى توي قىلغانلىقىنىڭ 25 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان. بىر قسىم كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېننىدى جەمەتىدىن كېلىپ چىققان مارىيە شىۋاشىنگىرنىڭ بۇنداق ئۈجمە كۆڭۈللىكىگە چىدىمىغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-16 19:31:28 ئۇقۇلۇشى: 632 قېتىم] |
|