تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى بىر موز توپ ماھىرى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ مېڭىسىنى بوستۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مېڭە سىلكىنىشىنىڭ تەسىرىنى تەتقىق قىلىشىغا تەقدىم قىلغان.
نيۇ يوركتىكى تەنھەرىكەتچى Bogart نىڭ جەسىتى ئالدىنقى ھەپتە ئۇنىڭ تۇرالغۇسىدا بايقالغان، جەسەتنى تەكشۈرۈش ئاياغلاشقان، لىكىن زەھەرلىك بويۇملارنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى يەنە بىر قانچە ھەپتە ساقلاشقا توغرا كېلىدىكەن، نەتىجىسى ۋاقتىنچە ئېلان قىلىنمايدىكەن.
Bogart نىڭ ئاتا ئانىلىرى ئەزالارنى تەقدىم قىلىش گۇۋاھنامىسىگە ئىمزا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ مېڭىسىنى تىببىي تەتقىقاتقا تەقدىم قىلغان. بۇ «سوۋغات» نى قوبۇل قىلغان ئورۇن بوستون ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر مېڭە بانكىسى بار بولۇپ، مەخسۇس مېڭە كېسەللىكلىرىنى تەتقىق قىلىدىكەن.
Bogart بۇ يىل تېخى ئەمدىلا 28 ياشقا كىرگەن ئىكەن.