تالىبان ئەزالىرى بىر كەنتكە ھۇجۇم قىلىپ 18 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى |
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 5- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستان ساقچى تەرەپ شۇ كۈنى ئاشكارىلاپ، تەخمىنەن 100 گە يېقىن تالىبان قوراللىق ئەزالىرى 10- ماي كەچتە، ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى ھۆكۈمەت بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلاشماقچى بولغان بىر قەبىلىگە ھۇجۇم قىلدى. ئىككى تەرەپ كەسكىن تۇتۇشتى . نەتىجىدە بۇ كەتنتىكى بىر نەپەر كىشى ۋە تالىباننىڭ 17 نەپەر قوراللىق ئادىمى قازا قىلدى. «ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى نىشانى ئابدۇراممان كەنتى. چۈنكى ئۇلار ئافغانىستاننىڭ يەرلىك ساقچى پىلانىغا قاتنىشىشنى ئويلىشىۋاتاتتى» دېدى ئافغانىستان جوۋزجەن ئۆلكىسى ساقچى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى. ئىككى قېتىملىق قاتتىق ئېلىشىش ئىككى سائەت داۋاملاشقان، ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە بۇلارنىڭ قوماندانىمۇ بار ئىكەن. ئىلگىرى نۇرغۇن پارتىلىتىش ۋەقەلىرىنى پىلانلىغان. بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى ۋە ئافغانسىتان ھۆكۈمىتى «ئافغانىستان يەرلىك ساقچى پىلانى» نى ئاشكارىلىدى.ئامېرىكا ئافغانىستان يەرلىك قۇراللىق كۈچلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنى يوقۇتۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. بۇ پىلان بويىچە، ئافغانىستاننىڭ قەبىلە رەھبەرلىرى،ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە ش ئا ئە ت نىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق ھەر بىر رايوندا250 تىن 300 گىچەيەرلىك ساقچى ئەترىتى تەشكىللەپ، ئۇلانى تەكشۈرۈش ۋە مەشىقلەندۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلارغا قورال ، فورما ۋە مۇئاش تارقىتىش.بىراق ئافغانىستانلىقلارنىڭ بۇ ئىشقا تۇتقان باھاسى ئوخشاش ئەمەس. بەزى كىشىلەر مۇنداق دەپ ئەنسىرەشمەكتە ۋە ئەيىپلەشمەكتە: ئامېرىكا ئالاھىدە قىسمى تەشكىللىگەن ساقچىلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى جىنايەتچىلەر، ئۇلارنى مەشىقلەندۈرۈپ ساقچى قىلىپ قويغاندا، بۇ يېڭى بىر «تالىبانلار»نى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن .
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-11 18:45:12 ئۇقۇلۇشى: 848 قېتىم] |
|