كىنو چولپىنى شىۋاشىنگىر ئايالى بىلەن نىكاھتىن ئاجرىشىدىكەن |
شىۋاشىنگىر بىلەن ئايالى
خەلق تورى 10-ماي تېلگىراممىسى: ئامېرىكا كالفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سابىق ئىشتات باشلىقى، مۇشتلاش فىلىم چولپىنى شىۋاشىنگىر 9-ماي، ئايالى مارىي بىلەن «ئايرىلىپ» تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئىشتىن بوشانغىلى ئۇزۇن بولمىغان سىياسىي چولپان «لوس-ئاجىلىس ۋاقىت گېزىتى» دە دېيىشىچە، ئۇ ئايالى بىلەن پۇختا ئويلاشقاندىن كېيىن قارا قىلىپ، ئىككى تەرەپ يېقىندا رەسمىي ئايرىلىپ تۇرۇشنى باشلىغان ھەمدە «كەلگۈسىدىكى مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسلىسى» نى مۇزاكىرە قىلىۋېتىپتۇ. 63 ياشلىق شىۋاشىنگىر بىلەن 55 ياشلىق مارى بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرگىلى 25 يىل بولغان، ھەمدە تۆت بالىسىمۇ بار ئىكەن. بۇ بىر جۈپ «ئۈلگىلىك چولپان ئەر-خوتۇن» نىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار تۆت بالىنى داۋاملىق بىرلىكتە باقىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىۋاشىنگىر بىلەن مارى تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارلاشنى خالىمىدى، ھەمدە ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە ئاممىدىن «ئايرىلىپ تۇرۇش» ئىشىغا نىسبەتەن ھېسداشلىق ۋە ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. مارى مۇخبىر بولۇپ، شىۋاشىنگىرى 2003-يىلى كالفورنىيە ئىشتاتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغاندىن باشلاپ، ئۇ ئېرىنىڭ «ئاياللارنىڭ ئاۋارىچىلىقى» شىكايىتىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگەن. بىراق، شىۋاشىنگىر «ئىشتات باشلىقلىق» ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، تاماشا چەمبىركىگە قايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئايالى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى «ئاستا-ئاستا يىراقلاشقان». ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ ئايرىلىپ تۇرغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-10 19:25:45 ئۇقۇلۇشى: 860 قېتىم] |
|