شىنخۇا تورىنىڭ 9-ماي خەۋىرى: توگو يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، لىق ئادەم ئولتۇرغان يولوچىلار كېمىسى 8-ماي چۈشتىن كېيىن توگو پايتەختى لامېنىڭ شەرقىدىن تەخمىنەن 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى توگو كۆلىدە كۈچلۈك يامغۇرلۇق بوران-چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ چۆكۈپ كېتىپ 36 ئادەم قازا قىلغان.
يەلىك كىشىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، كېمىدىكى يولوچىلار يەرلىك ئابو كەنتىدىكى يېزىلىقلار بولۇپ، دەبنە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ قايتىش يولىدا بەختسىزلىككە ئۇچرىغان ئىكەن، ئەينى ۋاقىتتا كېمىنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن، لېكىن قانچە ئادەمنىڭ ئولتۇرغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. گەرچە كېمە چۆكۈپ كەتكەن ئورۇن قىرغاقتىن خېلى يىراق بولسىمۇ، بىراق بىر قىسىم يولوچىلار بىر سائەتكە يېقىن سۇ ئۈزۈش ئارقىلىق قىرغاققا چىقىۋېلىپ ھايات قالغان.