بىن.لادېننىڭ جىيەن قىزى «ساھىبجامال بومبا» دەپ ئاتالدى |
شىنخۇا تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرى، بىن.لادېننىڭ ئۆلۈمى پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. 10 يىلدىن بۇيان بىن.لادېن دېگەن بۇ فامىلىنىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇپ كېلىۋاتقان بىن.لادېننىڭ جىيەن قىز ۋافاخې.مۇفۇر يەنە قايتىدىن توردىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ئۇ ئامېرىكىدا چوڭ بولغان بولۇپ، ئۆزىنى ئامېرىكىلىق دەپ قارايدۇ. ئۇ ئىزچىل ھالدا داڭلىق مودا ناخشىچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما تاغىسىنىڭ يامان ئاتىقى تۈپەيلىدىن ئۇ ئارقا-ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا «GQ» مودا ژۇرنىلى ئۇنىڭ بىر تۈركۈم يالىڭاچ رەسىملىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ رەسىملەر دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە زىلزىلە قوزغىغان. باشقىلار ئۇنى «ساھىبجامال بومبا» دەپ ئاتىغانىدى.
مەنبە: www.xinhuanet.com
2011-05-07 12:16
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-7 14:20:18 ئۇقۇلۇشى: 720 قېتىم] |
|