ۋۇخەن ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى مۈشۈكئېيىق توزنى چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويدى |
ئەزەلدىن يۇۋاش ۋە ھەرىكىتى ئاستا مۈشۈكئېيىق تۇيۇقسىز ھەيۋە كۆرسىتىپ ئۇچالايدىغان كۆك توزنى ۋەھشىلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ ئەسلىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى . تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ، ۋۇخەن ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى مۈشۈكئېيىق پائالىيەت مەيدانىدا ‹ئۈمۈد ›ئىسىملىك مۈشۈكئېيىق ، دائىم مۇشۇ يەردە ئوزۇق تېپىپ يەيدىغان كۆك توزنى چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويدى . تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 لەردە ، باقمىچى بۇرۇنقىدەك ‹ئۈمۈد› نى ئەتىگەنلىك چېنىقىشقا قويۇپ بېرىپ ، ئۇنىڭ تۇرىدىغان ئۈيىنى تازىلاپ بېرىۋاتقىنىدا ، توزنىڭ ئېچىنىشلىق ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى ۋە باقمىچى چېن جۈن ھەيران بولۇپ سىرتقا قارىغانىدى ، مۈشۈكئېيىقنىڭ توزنى چىشلەپ يۈگۈرۈپ يۈرگەنلىكىنى كۆردى . بىردەمدىن كىيىن مۈشۈكئېيىق توزنى پەسكە قويۇپ بەردى توز قاچقىلى ئۇرۇنغانىدى ، مۈشۈكئېيىق ئۇنىڭ بېشى تەرىپىدىن چىشلەپ ئۆزنىڭ ئوينايدىغان جازىسىغا قويۇپ تاماشا كۆردى . چېن جۈننىڭ دىيىشىچە ، مۈشۈكئېيىقىنڭ توزنى ئۆلتۈرۈۋېتىشى خۇددى مۈشۈكنىڭ چاشقان تۇتۇشىغا ئوخشايدىكەن ، ئۇنىڭ بۇنداق ئىشنى كۆرۈشى تېخى تۇنجى قېتىم بولۇپ چېن جۈن مۈشۈكئېيىقنى ئۆيدىن ئالداپ ئېلىپ چىقىپ ، توزنى ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم بوپتۇ . ئادەتتە مۈشۈكئېيىقلار ھەرىكەت قىلىدىغان رايونغا توزلار دائىم كېلىپ ، يېمەكلىك تېپىپ يەيدىكەن ، مۈشۈكئېيىقلار ئاندا- ساندا ھاياجانلىنىپ كەتكەن ۋاقىتتا ئۇلارنى قوغلاپ قويىدىكەن لېكىن كۆپىنچەھېچقانداق ئىش بولمايدىكەن . بۇ تۇنجى قېتىملىغى ئىكەن .
2011-05-03 05:08
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-4 10:19:06 ئۇقۇلۇشى: 452 قېتىم] |
|