ئوغۇرلۇق قىلىپ ئۆزىدىن ئۆچ ئالغان ئايال |
بىر ئايال مۇھەببەتلىشىپ ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، قولىنى ئەگرى قىلىپ ئوغرىلىق قىلىشقا باشلىغان. لېيۈەن كوچىسى ۋە باغچا يولى ئەتراپىدىكى سودا سارايلاردا ئارقا- ئارقىدىن ئوغرىلىق قىلىدۇ. سودا سارايدىكى سودىگەرلەر كۆپ قېتىم ئوغرىلىق قىلغان بۇ ئايالنى تونۇۋىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ.تۈنۈگۈن مۇخبىر ج خ ئىدارىسىگە بېرىپ ئىگەللىشىچە ، نۆۋەتتە بۇ ئايال تۇتۇپ تۇرىلىۋىتىپتۇ.
4- ئاينىڭ 15- كۈنى، لېيۈەن كوچىسى ئەتراپىدىكى سودا سارايدىكى بىر دۇكاندا، خوجايىن ئايال خىرىدارلارنى ئۇزۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ پۇكەي ئۈستىگە قويۇپ قويغان تېلېفونىنىڭ يوقالغانلىقىنى بايقايدۇ. ۋە دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ. ساقچىلارنى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ. بۇ سودا ساراي ئادەم كۆپ يول بۆلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئادەم ئىنتايىن كۆپ ئىدى. ساقچىلار بۇ ئايالنى چوقۇم بۇ يەردە يەنە ھەرىكەت قىلىدۇ، دەپ پەرەز قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق ساقچىلىرى كونترول قىلىشنى كۈچەيتتى، ھەمدە دۇكان ئىگىلىرىگە ئەسكەرتىش بەردى.4- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن، سودا ساراي ئىچىدە سومكا دۇكىنىدا ھال رەڭ بىر سومكا ئوغۇرلاندى. دۇكان ئىگىسى قوغلاپ چىقتى، ساقچىلار تەمىنلىگەن رەسىمدىكى ئايال شۇ ئىدى. ساقچىلار خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرھال يېتىپ كەلدى، ئۇ ئايالنىڭ قولىدا بايا ئوغۇرلىغان سومكا تۇراتتى.
ئوغۇرلۇق قىلىپ ئۆزىنى جازالىغان ئايال
زىيارەت ئارقىلىق مۇخبىر مۇنۇلارنى ئىگەللىدى. جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىسىمى شياۋيىڭ بولۇپ ئۆي لىچېڭدا ئىكەن نۆۋەتتە خىزمىتىمۇ يوق ئىكەن. ئۇ ئوغۇرلىغان سومكىسىدىن باشقا يەنە تېلېفون ۋە ئاق سومكىسىنىڭ كېلىش مەنبەسىمۇ ئېنىق ئەمەس ئىدى. ساقچىلار شياۋيىڭنىڭ ئۆيىدىن يەنە نۇرغۇن ئېگىز پاشلىق ئاياق، قىزلار كىيىمى، سومكا قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرىنى بايقىدى. ئۇنىڭ ئۆيى خۇددى كىچىك دۇكانغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. شياۋيىڭنىڭ ئىتراپ قىلىشىچە، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ ئوغۇرلىغان نەرسىلەر ئىكەن. ئالدىنقى يىلى ئۇ ئوغۇل دوستى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، بۇنىڭ شياۋيىڭغا بولغان زەربىسى چوڭ بولۇپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنى جازالىغان.2010- يىلى 12-ئايدا، تۇنجى قېتىم باغچا يولىدىكى سودا سارايدىكى بىر دۇكاندىن پۇل قاپچۇقى ئوغۇرلىغان.ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « بۇنداق قىلسام سىن ئالغۇغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىمنى ۋە ساقچىلارنىڭ تۇتۇپ سولاپ قويىدىغانلىقىنى بىلمەن، بىراق مەن مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزەمنى جازالىماقچى. ۋە ئۇنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقچى بولدۇم».نۆۋەتتە بۇ ۋەقە داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-4-29 20:09:12 ئۇقۇلۇشى: 600 قېتىم] |
|