جىيەن ئوغۇل ۋە تاغىسى ئۈچىيلەن بىر ئايالغا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلدى |
مەنبە: news.qq.com
2011-04-27 11:34
ئۈچ نەپەر قانۇن قارىغۇسى، بىر مەيدان بولمىغۇر ئويۇن قويدى بۇلاڭچىلىق ۋە باسقۇنىلىق قىلغان شېرىكلەر تۇتۇلدى، ئويلىمىغان يەردىن جىنايەتچى ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلىدى تاغا جىيەنى بولۇپ ئۈچ ئادەم بىر ياش ئايالنى بۇلىدى ۋە باسقۇچىلىق قىلدى. ۋەقەدىن كېيىن، جىيەن ئوغۇل بۇ قىزىدىن ئۆزىنىڭ قىز دوستى بولۇشنى تەلەپ قىلىپ، قىزنىڭ ئۆيىگە كۆپ قېتىم ئىزدەپ باردى. تېخىمۇ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىنى شۇكى، جىيەن ئوغلى پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئويلىمىغان يەردىن تاغىسى ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىدى. ئۈچ نەپەر قانۇن قارىغۇسىنىڭ ئوينىغان بۇ بولمىغۇر ئويۇنى كىشىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرسە، تۇرۇپ كۈلگىسىنى كەلتۈرىدۇ، ۋە ئادەمنى تېرىكتۈرىدۇ. تۈنۈگۈن، مۇخبىر لۇچېڭ رايونى تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، تەپتىش مەكىمىسى بۇلاڭچلىق ۋە باسقۇنچىلىق دېلوسىغا چېتىشلىق ئۈچ جىنايەت گۇماندارى لو xx، يەن xx، لو xx نى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.
ئادەمنى تېرىكتۈرىدىغان ئۈچ جىنايەتچى
لو xx بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن بولۇپ سىچۈەنلىك. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، لو xx جىيەن ئوغۇللىرى يەن xx ۋە لو xx لەر بىلەن ۋېنجوۋدا ئىشلەمچىلىك قىلغان. 15-مارت چۈشتە، ئۈچىيلەن ھاراق ئىچكەندىن كېيىن تاغقا بېرىپ ئوينىغان، تاغدىن چۈشىۋاتقان ۋاقىتتا ياش ئايال ئالىڭنى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) كۆرۈپ قالغان. تۆت ئەتراپتا ئادەم يوقلىنى كۆرۈپ، لو xx قاتارلىق ئۈچىيلەندە يامان نىيەت پەيدا بولۇپ، ئالىڭنىڭ يېنىدىكى يانفۇن ۋە 200 يۈەن پۇلىنى بۇلاپ، نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلغان. كېيىن، يەن xx ئالىڭغا قىز دوستى بولۇش تەلىپىنى قويغان. ئالىڭ قەتئىي قوشۇلمىغان، يەن xx ئالىڭغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئۆيىگىچە بارغان، ئالىڭ ئامالسىز دوستىغا تېلېفۇن قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلغان. ئالىڭنىڭ دوستىنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن، يەن xx بۇلىۋالغان 200 يۈەننى قايتۇرۇپ بەرگەن. تېلېفۇن لو xx نىڭ قولىدا بولغاچقا، يەن xx كىملىكىنى گۆرۈگە قويۇپ كەتكەن.
كۈلكىلىك ھالدا ئۆزلىكىدىن تورغا چۈشۈش
18-مارت چۈشتىن كېيىن، يەن xx ئالىڭنى بىر تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلىپ يانفۇنىنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولغان. بىراق يەن xx تاللا بازىرىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، ھەمدە يەن xx كە ھەمرا بولۇپ كۆزەتچىلىككە كەلگەن لو xx مۇ قولغا ئېلىنغان. ئەسلىدە، شۇ كۈنى يەن xx كەتكەندىن كېيىن، ئالىڭنىڭ دوسىتى نەسىھەت قىلىپ ئۇنى ساقچىغا مەلۇم قىلغۇزغان ئىكەن. لو xx قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى، تاغىسىغا تېلېفۇن قىلىپ، باشقىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى چالا بۇلا قىلىپ دېگەن. ئىنتايىن جىددىيلەشكەن تاغىسى لو xx ساقچىغا تېلىفۇن ئۇرۇپ، ئۆزىنىڭ جىيەن ئوغۇللىرىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى قۇتقۇزۋېلىشنى تەلەپ قىلغان. ساقچى تەرەپ يەن xx ۋە لو xx نى سوراق قىلىپ، تاغىسىنى تورغا چۈشۈرگىچە، لو xx ئۆزلىگدىن ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىشىكىگە كېلىپ، ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-4-27 19:45:29 ئۇقۇلۇشى: 505 قېتىم] |
|