13 ياشلىق قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغان دادا 12 يىللىق قامالدى |
مەنبە: news.sina.com.cn
2011-04-26 07:02
ئەنخۇي 26-ئاپرېل تېلگىراممىسى: ئەنخۇي ئۆلكىسى تەيئەن ناھىيىسى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شې شۆچىننىڭ 13 ياشلىق قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسىنى ئەيىبىلىگەن، بۇ ناھىيەدىكى خەلق سوت مەھكىمىسى شې شۆچىننىڭ 14 ياشقا توشمىغان قىزىغا باسقۇنىچلىق قىلشتەك رەزىل جىنايىتى ئۈچۈن، ئۇنى 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۈچ يىللىق مەھرۇم قىلدى. سوتنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن جاۋابكار شې شۆچىن، تەيخې ناھىيىسى لىشىڭ بازىرىدىن بولۇپ، ساۋاتسىز. ئايالى شياۋجيا سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش ئارقىلىق بۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. ئايالى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلغان ۋاقىتتا، جاۋابكار شې شياۋچىن 2009-يىلى 9-ئايدىكى بىر كۈنى كەچ، قىزى ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئاستا قىزىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، قۇرامىغا يەتمىگەن شې xx كە باسقۇنچىلىق قىلغاندىن كېيىن، قىزىغا تەھدىت سېلىپ بۇ ئىشنى باشقىلارغا دىگىلى قويمىغان. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، جاۋابكار شې شۆچىن قېچىپ كەتكەن. 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى شې شۆچىن جېشوۋ شەھەرلىك ساقچى تەرەپنىڭ قولىغا چۈشكەن. شىكايەت قىلغۇچى ئورگان، جاۋابكار شې شۆچىن ئەخلاققا زىت بولغان ھالدا، تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇپ 14 ياشقا توشمىغان قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغان، قىلمىشى ۋەھشى بولغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق جازالىنىشى كېرەك، دەپ قارىدى. يېقىندا سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق شىكايەت قىلغۇچى ئورگاننىڭ ئەيىبلەش پىكىرىنى قوبۇل قىلىپ، دېلوغا ھۆكۈم چىقاردى. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جاۋابكار شې شۆچىن جىنايىتىنى تونۇپ نارازىلىق ئەرزى سۇنمىدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-4-26 20:07:23 ئۇقۇلۇشى: 851 قېتىم] |
|