ژورنال مۇقاۋىسىگە يالىڭاچ سۆرەتكە چۈشكەن تۈركىيەلىك قىز |
خەلق تورىنىڭ 22-ئاپرېلدىكى خەۋرىدە ئېيتىلىشىچە، 25 ياشلىق گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق تۈركىيەلىك قىز سىلا. ساھىن گېرمانىيەنىڭ «قۇرۇق سۆلەت بەگزادە ژورنىلى» نىڭ مۇقاۋىسىگە يالىڭاچ سۆرەتكە چۈشكەن تۇنجى تۈركىيەلىك قىز ئىكەن. ئۇ گېرمانىيەنىڭ «Good Times, Bad Times» ناملىق كىنوسىدا رول ئىلىپ نامى چىققاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىنو ھەۋاسكارلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ ناھايىتى خۇشال بولغان. بىراق ئۇ يېقىندا يۈرەكلىك ھالدا ئۆز ئالدىغا تاللاش چىقارغان بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ «قۇرۇق سۆلەت بەگزادە ژورنىلى» نىڭ مۇقاۋىسىگە يالىڭاچ سۆرەتكە چۈشۈپ، كىنو ھەۋەسكارلىرىنى ھەيران قالدۇرغان، ئۆيىدىكىلەرنى بولسا قاتتىق رەنجىتىپ قويغان. گېرمانىيەنىڭ «قۇرۇق سۆلەت بەگزادە ژورنىلى» نىڭ مۇقاۋىسىدە ئۇ ئۈستى قىسمىنى يالىڭاچ ئېچىپ سۈرەتكە چۈشكەن بولۇپ، بۇ توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېگەن: «مىنىڭ بۇنداق قىلىشىم ئەركىنلىككە ئېرىشىش. بۇ سۆرەتلەر مىنى بالىلىق چاغلىرىمدىكى ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ». بۇ توغرىسىدا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قىزىدىن ناھايىتى خاپا بولغان بولۇپ، ئانىسى قىزىدىن ئانا-بالىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن ئىكەن. قىز يەنە مۇنداق دېدى: «ئانامنىڭ بەك ئاچچىقى كەلدى. مىنىڭ بوۋا-مومىلىرىم ۋە قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم مىنى تېخىمۇ قۇبۇل قىلالمايدۇ». قىزنىڭ دادىسى سەنئەتكار بولۇپ، قىز دادىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان. دادىسىمۇ قىزىدىن كۆپ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، قىزىنىڭ گېرمانىيەدىكى تۈركىيە خەلقىنىڭ بېسىمىغا يۈزلەنگەندىن باشقا يەنە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان ئاممىسىغا قانداق يۈزلىنىش كېرەكلىكىدىن بەك ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-4-22 19:38:00 ئۇقۇلۇشى: 943 قېتىم] |
|