سەھەر گېزىتى خەۋىرى 20 ياشقا كىرگەن چى xx بىرلىشىپ ئۆي ئىجارىگە ئالغان قىز ياتاقدىشىنىڭ ئاچقۇچىنى ئوغۇرلۇقچە ياسىتىۋېلىپ، كىچىدە ئۆيىگە كىرىپ باسقۇنچىلىق قىلغان. يېقىندا، چاۋياڭ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى چى xx ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى.
چى xx، ئۇنىڭ قىز دوستى ۋە ليۇ xx(قىز) بىر يەر ئاستى ئۆينىڭ ئىككى ئېغىزىنى ھەمكارلىشىپ ئىجارىگە ئالغان.
2010-يىلى 12-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئەتىگەن، ئۇخلاۋاتقان ليۇxx نىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز بىر ئادەم تاشلانغان، ئۇ ئۇيقۇلۇقتا كۆزىنى ئېچىپ بولغىچە، چى xx ئۇنىڭ بەدىنىنى بېسىۋالغان ئىدى. ليۇ xx نىڭ ئويغانغانلىقىنى كۆرگەن چى xx زوراۋانلىق بىلەن تەھدىت سېلىپ، ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلغان.