تويىدا ئۆلگەن يىگىت، نەق مەيداندا تۇتۇلغان قاتىل |
ئالىم (23 ياش) يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن بولۇپ، 25-مارت ئايالى بىلەن قېيىنئاغىسىنىڭ ئېلىنىڭ تويىغا باردى ۋە كەچتە ئۆيگە كەلگەندە گەپ تالىشىپ قالدى. ئالىم ئەتىسى يېزىدا بازار بولىدىغان بولغاچقا، قۇشخانىغا قوي سويغىلى كەتتى. ئۇ قۇشخانىدىن قايتىپ ئايالىنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ، ئانىسىدىن نەگە كەتكەنلىكىنى سورىدى ۋە توي ئىشلىرىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن بىسوراق كەتكەنلىكىنى بىلىپ ئاچچىقى كەلدى. ئۇ چۈشتىن كېيىن قېينىئاتىسىنىڭ ئۆيىگە باردى. ئالىم ئايالىنى چاقىرىپ: -مەن بىلەن ئۆيگە كېتەمسەن ياكى ... - دېدى. ئايالى: -كەتمەيمەن، -دەپ تۇرىۋالدى. - ئۇنداقتا ئۆي تۇتامدۇق، ئاجرىشامدۇق؟ - دەپ سورىدى ئالىم ئايالىدىن. - ھازىر ۋاقتى ئەمەس،-دېدى ئايالى جاۋاب بېرىپ. ئايالىنىڭ ئۆيگە قايتىشقا ئۇنىمىغانلىقىدىن ئاچچىقى كەلگەن ئالىم تەستىكىگە سالدى. ئايالى «ۋايجان» دەپ ۋارقىرىدى. بۇنى ئاڭلىغان قېيىنئاغىسى ئېلى، قېيىنئىنىسى ۋەلى ئۆيگە كىرىپ ئالىمنى ئۇردى. ئالىم تاياققا چىدىماي قويۇن يانچۇقىدىن پىچقىنى چىقىرىپ ئۇلارغا شىلتىدى. پىچاق ئېلىنىڭ سول قولتۇقىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغۇچە جان ئۈزدى. ساقچىلار ئالىمنى نەق مەيداندا قولغا چۈشۈردى. ئۇ 27-مارت توختىتىلىپ، 8-ئاپرېل ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىندى. (كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلىدى)
(شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى)
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-4-19 19:20:23 ئۇقۇلۇشى: 495 قېتىم] |
|