جىنس ئۆزگەرتىپ ئايال بولغان ئەرنى قىزى ھازىرغىچە دادا دەپ چاقىرىدىكەن |
ئەنگلىيەلىك 31 ياشلىق ئەر چىرىسسى. ئېدكىنىس ئەسلىدە بەدەن چىنىقتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئەر ئىدى. بىراق ئۇ ئىزچىل ئايال كىشى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ،يەتتە يىل ئىلگىرى ئوپراتسىيە قىلىش ۋە نۇرغۇن تىرىشچانلىقلار بەدىلىگە ئايال كىشىگە ئۆزگەردى. چەتئەل تېلېگرامما خەۋەرلىرىگە قارىغاندا ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ئېگىزلىكى 1.83 مېتىر، ئېغىرلىقى 102 كىلوگرام بولۇپ، جىنىس ئۆزگەرتىپ،ئورۇقلاپ بەدەن ئېغىرلىقى 66.7 كىلوگرامغا چۈشكەن.ئۇزۇن چاچ قويغان بولۇپ، ھازىر بىر مودىلغا ئايلاندى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇنىڭ توققۇز ياشلىق بىر قىزى بولۇپ، دادىسىنىڭ ھازىرقى سالاھىيىتىنى ياخشى كۆرىدىكەن. ۋە ھازىرغىچە دادا دەپ چاقىرىدىكەن. ئەلۋەتتە، بۇ ئۇنىڭ تەڭتۇشلىرىنىڭ ئۇنى مەسخىرە قىلىش ئوبىكتى بولۇپ قالغان. ئۇ ئۆزىن مەسخىرە قىلغانلارغا كۈلۈپ تۇرۇپ، «مېنىڭ دادامنىڭ ئايال كىشى بولغۇسى بار» دەپلا جاۋاپ بېرىدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-4-14 20:15:55 ئۇقۇلۇشى: 693 قېتىم] |
|