ھەمجىنىس ئەرنىڭ جەسىتى بايقالدى |
ئىنسانلار بېلىدىغان ئەڭ بۇرۇنقى ھەمجىنىس 5000 يىللىق ئالەمچە ئۆزگىرىشنى بېشىدىن كەچۈردى. ئۇنىڭ جەسىتى ئاخىرى چېخنىڭ پايتەختى پراگادا قايتىدىن قۇياش نۇرى بىلەن كۆرۈشتى.بۇ ئەر بۇنىڭدىن 2900 يىل ئىلگىرى ياشىغان بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2500 يىلى ئىلگىرى تاش قۇرال دەۋرىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ياشىغان. ئۇ دەۋردە ئەرلەرنىڭ جەسىتىنى غەربكە قارىتىپ، ئوڭ تەرىپىنى قىيپاش قىلىپ ياتقۇزۇلىدىغان بولۇپ، ئاياللار ئەكسىنچە، شەرققە قارىتىلىپ ئوڭ تەرىپىنى قىيپاش قىلىپ ياتقۇزىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئەرلەرگە يانداش قىلىپ قۇرال، ئوت ياندۇرغىلى بولىدىغان تاش قاتارلىقلار بىللە دەپنە قىلىندىكەن. ئاياللارغا بولسا زەنجىر، ئەرمەك ھايۋان قاتارلىق نەرسىلەر ھەمدەپنە قىلىندىكەن.بىراق بۇ ئەر غەربكە قارىتىلىپ، سول تەرىپىنى قىيپاش قىلىپ ياتقۇزۇلغان. ھەمدەپنە قىلىنغان نەرسىلەرمۇ ئاياللار بىلەن ھەمدەپنە قىلىنىدىغان نەرسىلەر ئىكەن. گىئولوگشۇناس ۋىسنىۋا مۇنداق دەيدۇ:« بىزنىڭ قارىشىمىزچە ئەينى ۋاقىتتا جەسەتنى دەپنە قىلغاندا دەپنە مۇراسمى ئىنتايىن ئەستايىدىل ئېلىپ بېرىلغان. ئاسان خاتالىق ئۆتكۈزۈلمەيدىكەن.بىز شۇنداق دىيەلەيمىزكى بۇ ئەر باشقىلارغا ئوخشىمايدۇ، بەلكىم ھەمجىنىس بولۇشى مۇمكىن».
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-4-11 21:03:09 ئۇقۇلۇشى: 648 قېتىم] |
|