يەسلىدە ئۆلۈپ قالغان بالىنى ھېچكىمگە ئېيتماي كۆمۈۋەتكەن ئوقۇتقۇچى بالاغا قالدى |
تاڭ چېڭيەن 8 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى. تاڭ چېڭيەن قويۇپ بېرىلىپ يېنىپ چىققاندىن كېيىن، ئۆيىگە سولىنىۋېلىپ سىرتلارغا چىقىشقا پېتىنالمىغان. 1 ياش 8 ئايلىق بولغان بالا يەسلىدە نەپىسى قىسىلىپ ئۆلۈپ قالغان، يەسلى باشلىقى بالىنى كۆمۈۋېتىپ يالغان دېلو مەلۇم قىلغان. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، ۋاڭ شىدا يەسلىگە كۆمۈۋېتىلگەن بوۋاق ليۇ يۈنشياڭنىڭ دادىسى ليۇ يۈنزوڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئادۋۇكات ئارقىلىق «جەسەتنى كۆمۈۋەتكەن يەسلى باشلىقى تاڭ چېڭيەننى سوتقا ئەرز قىلىپ ئۇنىڭدىن 4 مىليون يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلغان. ليۇ يۈنزوڭنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئۇنىڭ 3 بالىسى بار بولسىمۇ، لېكىن چوڭ قىزى مېيىپ بولۇپ، ليۇ يۈنشياڭ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمىدى ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تاڭ چېڭيەننىڭ ئۆز ئىختىيارى بويىچە بالىنىڭ جەسىتىنى كۆمۈۋېتىشى ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان، شۇنداق بولىسىمۇ ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ تاڭ چېڭيەنگە يولسىزلىق قىلماي يەنىلا قانۇن يولى ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشنى توغرا تاپقان، ھەمدە ئۇنىڭدىن 4 مىليون يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە بېقىنىش ھەققى، سەۋەنلىك ھەققى ۋە روھى تۆلەممۇ بار ئىكەن. تاڭ يۈنزوڭنىڭ ھېچقانداق مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولمىغاچقا، پۈتۈن ئىشلىرىنى ئادۋۇكاتنىڭ بېجىرىشىگە تاپىلىغان. تاڭ چېڭيەن دوستىنىڭ ئۆيىگە يۇشۇرۇلىنىۋېلىپ سىرتقا چىقىشقا پېتىنالمىغان. تاڭ چېڭيەننىڭ ئېيتىشىچە، ليۇ يۈنشياڭنىڭ ئىشىدىن كېيىن، ئۇ ئىزچىل ئىنتايىن بىئارام بولغان، ئەسلىدە سولاقخانىدىن چىققاندىلا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئاتا-ئانىسىدىن كەچۈرۈم سوراششنى ئويلىغان ھەمدە ھېچقانداق گەپ-سۆز يوقلا ليۇ يۈنشياڭنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەرخىل شەرتلىرىگە ماقۇل بولغان، لېكىن ئاخبارات ۋاستلىرىنىڭ ئۇنى«دۇنيادىكى رەھىمسىز جىنايەتچى» دەپ ئاتىشى، ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەنقىدلىرى ئۇنىڭغا ئىنتايىن چوڭ روھى بېسىم ئېلىپ كەلگەچكە، ليۇ يۈنشياڭنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈشكىمۇ پېتىنالمىغان. 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، چۈشتىن كېيىن، تاڭ چېڭيەن سولاقخانىدىن چىققاندىن كېيىن، بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان قىزىنىڭ تېلىفونىنى قۇبۇل قىلغان، قىزى تېلىفوندا ئاپىسىنى« نىمىشقا بۇنداق ئىش قىلغانسەن» دەپ ئەيىبلەپ كەتكەن، ئۇ قىزىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۆز قىزىنىڭمۇ ئۇنى يامان ئىش قىلىپسەن دېگىنىدىن ئىنتايىن ئازابلانغان. تاڭ چېڭيەننىڭ قىزىنى تۇققىنى جياڭجۇۋغا ئېلىپ كەتكەن بولغاچقا، ئۆزى يالغۇز ئۆيىدە تۇرغۇسى كەلمەي يۈشىدىكى دوستىنىڭ ئۆيىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرىۋېتىپتۇ، ئادەتتە ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ سىرتقا قاراپ بېقىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئەيىبلىشىدىن ئىنتايىن قورقىدىكەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ باشقا كىچىك بالىلارنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ليۇ يۈنشياڭنىڭ جەسىتىنى ئۆزلىكىدىنلا كۆمۈۋەتكەن ئىكەن. تاڭ چېڭيەن گەرچە مۇشۇنداق رەزىل ئىشنى قىلغان بولسىمۇ يەنىلا ئۆزىنى بىر ئاقكۆڭۈل ئادەم دەپ قارايدىكەن، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كىچىكىدىن باشلاپلا ئاپىسىنىڭ تەربىيىسى بويىچە، تۇرمۇشى مەيلى قانچىلىك جاپالىق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ،باشقىلارغا ھەرگىز زىيانكەشلىك قىلماسلىقنى ئاساسلىق مىزان قىلغان ھەمدە ئۆزىگە قاتتىق ئىشەنگەن ھالدا ئۈمىدۋار ياشاۋاتقاندا مۇشۇ بىر قېتىملىق سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن تۇرمۇش يولىغا بىر چىكىتنىڭ قويۇلۇپ قالغانلىقىدىن ئۆكىنىدىكەن. ساقچى تەرەپ« ليۇ چېڭيەننىڭ خاتالىقى بالا ئۆلگەندىن كېيىن ۋاقىتىدا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا خەۋەر قىلمىغانلىقى ياكى ساقچىغا مەلۇم قىلمىغانلىقىدا، ئەگەر ئۇ بالىنى كۆمۈۋەتمىگەن بولسا ھەمدە يالغان دېلو مەلۇم قىلمىغان بولسا سولاقخانىغا كىرىپ قالمىغان بولاتتى، ئۇ ئۆزى ئاددى بىر ئىشنى مۇشۇنداق مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتكەن» دەپ كۆرسەتتى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-4-11 21:01:54 ئۇقۇلۇشى: 454 قېتىم] |
|