ئايال 9 قامچا تاياق يەپ نەق مەيداندا ھوشىدىن كەتتى |
8-ئاپرېل، ھىندونوزىيە ئاچى ئۆلكىسىدە، 34 ياشلىق نىكاھلىنىپ بولغان ئايال مۇختار (Irdayanti Mukhtar) <بۇزۇق ئەر> بىلەن بىللە بىر مەسچىتنىڭ ئالدىغا ئىلپ كېلىنىپ جازالاندى. ئىگىلىنىشچە، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇختار خوشنىسى تەرىپىدىن 43 ياشلىق ئايالى بار ئەر بىلەن بىر ئۆيدە تۇرغانلىقى ئاشكارلىنىۋىتىلگەن بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەي ئىككەيلەن ساقچى مەھكىمىسىگە ئىلىپ كېتىلگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يولدىشى بىلەن ئاجرىشىش كېلىشىمىسىنى بېجىرمەكچى بولغان بولۇپ، سوت مەھكىمىسى ئۇلارنى بۇزۇقچىلىق قىلغان دەپ، ئۇلارنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلىپ ئاقلىغۇچى ئاۋدۇكات تەكلىپ قىلىشىنى چەكلىگەن ئىكەن. ئاخىرىدا ئىككەيلەن دەررىلىنىپ، ئايال توققۇز قامچا ئۇرۇلغان ۋە نەق مەيداندا ھوشىدىن كەتكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-4-11 21:01:19 ئۇقۇلۇشى: 863 قېتىم] |
|