|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
يىگىتلەرنىڭ سىز بىلەن توي قىلغۇسى بار-يوقلۇقىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟
|
|
|
ئەمەلىيەتتە ئەقىللىق قىزلار يىگىتلەرنىڭ ئاز-تولا ئىپادىسىدىن ئۇلارنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلۋالالايدۇ. ئەگەر يىگىتىڭىزنىڭ سىزنى ئۆمۈرلۈك تاللىغان-تاللىمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالمىغان بولسىڭىز، مۇنۇلارغا قۇلاق سېلىڭ: 1. خىزمىتى ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ، ۋاقىت چىقىرىپ سىزگە ھەمراھ بولۇشنى ئويلايدۇ. 2. سىزنى ئۆيىدىكىلىرى ھەم دوستلىرىغا تۇنۇشتۇرغىسى كېلىدۇ. 3. سەپەردىن كەلگەندە سىزگە سوۋغات ئېلىۋىلىشنى ئۇنۇتمايدۇ. مەيلى سوۋغات سىز ياقتۇرىدىغان بولسۇن-بولمىسۇن، شۇ ئارقىلىق سىزنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. 4. دائىم <بىز>، <ئۆيىمىز بولسا> دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق سىز بىلەن ئائىلە قۇرۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. 5. مۇھىم خاتىرە كۈنلەرنى سىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈپ، گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇشنى ئويلايدۇ. 6. سىزنى ئاغىنىلىرى ۋە مۇھىم ئادەملىرىنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشتۇرىدۇ. 7. دائىم سىزنى قوغدايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ مەسئولىيەتچانلىقىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق سىزنى قولدىن چىقىرىپ قويماسلىققا تىرىشىدۇ. 8. سىزگە سېخىيلىق بىلەن پۇل خەجلەپ بېرىش ئارقىلىق سىزدىن ھېچ نەرسىسىنى ئايىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. 9. خىزمىتى، بانكىغا ئامانەت قويغان پۇللىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىشلارغا يېتىش-يەتمەسلىكى توغرۇلۇق سىز بىلەن ئورتاقلىشىش ئارقىلىق تويدىن كېيىنكى ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
_________ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |
كۆرۈلۈشى:588 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011/4/1 20:09:52 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|