Article Center - ماقالە مەركىزى - بالىلارغا زىيادە يۇقۇرى تەلەپ قويۇش زىيانلىق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەر ساغلاملىققا پايدىلىق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يۈگۈرۈپ بەرسە، مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


بالىلارغا زىيادە يۇقۇرى تەلەپ قويۇش زىيانلىق

 

بەزى ئاتا-ئانىلار بالىمىز باشقا بالىلارغا ئوخشاش دەم ئېلىش كۈنلىرى ھەر خىل كۇرسلارغا قاتناشمىسا، ئۇلارنىڭ كەينىدە قالىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە، شۇنداق بولامدۇ؟

بىرىنچى، چوڭ مېڭىنىڭ ئېلاستىكىلىق خۇسۇسىيىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى. نېرۋا ئىلمى ساھەسىدىكىلەر يېڭى ھاياتلىقنىڭ دەسلەپكى نەچچە يىلىنىڭ چوڭ مېڭە يېتىلىدىغان «ئاچقۇچلۇق مەزگىل» ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن بۇ يەردىكى ئاچقۇچنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە بولىدىغانلىقى ھەققىدە يەنىلا تالاش-تارتىش بار. كۆزىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، تىل، مۇزىكا قاتارلىقلارنى ئۆگىنىش نۇقتىسىدىن ئالغاندا، بالىلىق چاغدىكى ئۆگىنىش ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. ئورېگون ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئالىم ھايلون نوۋېل ئامېرىكىغا ھەر خىل مەزگىلدە كۆچۈپ كەلگەن جۇڭگولۇق ۋە ئىسپانىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ ئىنگلىز تىلى گىرامماتىكىسىنى ئۆگىنىش جەريانىدا چوڭ مېڭىسىنىڭ ئىشلەش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، ئىككىنچى خىل تىلنى تۆت ياشتىن ئىلگىرى ئۆگەنگەن كۆچمەننىڭ ئىنچىكە گىرامماتىكا خاتالىقىنى تۈزىتىشىدە چوڭ مېڭىسىنىڭ تېخىمۇ سەزگۈر كېلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنكاسىنىڭ تولاراق تىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك سول مېڭىدە پەيدا بولىدىغانلىقىنى، ئىنگلىز تىلىنى تېخىمۇ كېيىن ئۆگەنگۈچىدە بۇنداق ئىنكاسنىڭ ئوڭ مېڭىسىدە پەيدا بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

 لېكىن ھەر قانداق ئۆگىنىش مۇشۇ «ئاچقۇچلۇق مەزگىل» تەسىرىگە ئۇچراۋەرمەيدۇ. نوۋېل بايقىغاندەك، سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىش گىرامماتىكا ئۆگىنىشكە ئوخشىمايدۇ، سۆز ئۆگىنىشنىڭ بالدۇر-كېيىن بولۇشى ھېچقانچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ھازىر نېرۋا ئالىملىرى بالا مەزگىلىنى «ئاچقۇچلۇق مەزگىل» دېيىشتىن «سەزگۈر مەزگىل» دېيىشكە، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بالا بىر مەزگىل ئۆگىنىشتە ئىنتايىن سەزگۈر بولىدۇ، لېكىن بۇ مەزگىل قولدىن بېرىپ قويۇلسا، بۇ ھەرقانداق ئاچقۇچلۇق مەزگىلنىڭ قولدىن كېتىپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، دېگەنگە تېخىمۇ مايىل بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق سەزگۈر مەزگىل بالىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغا مەركەزلەشكەن بولمايدۇ، ئۇ ئۆگىنىش مەزمۇنىنىڭ خاراكتېرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بەزى ئۆگىنىش مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈش شارائىتى چوڭ مېڭە يېتىلىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە ھازىرلىنىدۇ. ئۆگىنىش شارائىتى ھازىرلانمىغاندا، بالىنى ئۆگىنىشكە زورلىغاندا ئەكسىچە نەتىجە بېرىدۇ.

ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشى بالىنىڭ ئوقۇش جەريانىدىكى پىسخىك ھالىتىگە باغلىق بولىدۇ. بالا ھەقىقىي قىزىقىدىغان تۈرنى تاللىيالىسا، يەنە كېلىپ ئۆگىنىش جەريانىدا بالىنىڭ قىزىقىشىنى ۋە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئۆگىنىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلسە، ئۇنىڭ ئۆگىنىشى «قاچىلاپ قويۇش»تەك ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ.

ئىككىنچى، چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشتە، ئۆگىنىش مەزگىلىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. شاڭخەيدە چىقىدىغان «كەچلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شاڭخەيدە ئۈچ ياشلىق بىر بالا ئىنگلىز تىلى، ياپون تىلى، خەنزۇ ئورتاق تىلى، شاڭخەي شىۋىسى قاتارلىق تىللارنى ئۆگىنىشكە مەزگىلسىز سېلىنغاچقا، تىلى چىقمىغان، شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئۆمۈر بويى تىل توسالغۇسىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بار ئىكەن. بۇنىڭغا قارىغاندا، بالا ئانا تىلىنى تېخى تولۇق بىلىپ بولمىغان چاغدا، باشقا تىللارنى ئۆگىنىشكە سېلىنسا، ئۇنىڭ تاق سۆزلەرنى ئىگىلىشى ۋە ئانا تىل سەۋىيەسىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچراپ، تىل ئۆگىنىشكە قىزىقماس بولۇپ قالىدۇ، بۇ تىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. «قوش تىل» ئۆگىنىشكە يېتەرلىك شارائىت بولۇشى كېرەك. ئالايلۇق، ئائىلە ۋە مەكتەپتە «قوش تىل» ئۆگىنىش شارائىتى ھازىرلانغان بولسا، بالىلار مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن قايسى تىلدا سۆزلەشنى تاللىيالماسلىق قىيىنچىلىقىغا ئۇچرىماي، تەبىئىي مۇھىتتا تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنەلىشى مۇمكىن.

ئۈچىنچى، بالىنى بالدۇر كۇرسقا بەرگەن ياخشىمۇ ياكى ئۇنى ئويناش جەريانىدا ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرگەن ياخشىمۇ؟ نېرۋا ئىلمى تەتقىقاتىغا قارىغاندا، مەدەنىيەت مول مۇھىتنىڭ چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىدىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدىكەن. ناۋادا، بالىغا مول مەدەنىيەت مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىلسە، يەنى بالا خىلمۇخىل شەيئىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇلسا، خىلمۇخىل ئويۇنلارغا قاتناشتۇرۇلسا، بۇنىڭ بالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى چوڭ بولىدۇ. ناۋادا بالىلار دەرسخانىغىلا سولىنىپ، دەرسلىكتىكى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكىلا سېلىنسا، ئۇلارغا مول مەزمۇنلۇق تۇرمۇش بوشلۇقى يارىتىپ بەرگىلى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ يېتىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.

         كۆرۈلۈشى:275     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-7-11 17:10:45يوللىغۇچى ئەزا:xirinim

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن يۈزىڭىزنى يۇيۇۋېتىڭ
كېيىنكى ماقالە:قىسقا ئۇچۇرنىڭ تاماكا تاشلاشقا ياردىمى باركەن
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号