Article Center - ماقالە مەركىزى - تۇغۇلغان كۈن - ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان كۈنىدۇر
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قارشى تەرەپتىن ۋاز كېچەمسىز ؟
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:بالدۇر تۇغۇپ قويۇشنىڭ سەۋەبلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھىكمەتلىك ھىكايىلەر (3)
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھىكمەتلىك ھىكايىلەر (2)
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:روزا ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھېكمەتلىك ھېكايىلەر
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يالغان كىرپىكنىڭ زىيىنىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:لىفىت قاتارلىقلارنىڭ ھادىسە يۈز بېرىش سەۋەبى ئىشلىتىش توغرا بولماسلىق
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


تۇغۇلغان كۈن - ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان كۈنىدۇر

 

 

تۇغۇلغان كۈن ھادىسىسى جەمئىيىتىمىزگە سېڭىپ كىرگىلى ئۇنچە ئۇزۇن بولمىدى. ئەمما ئۇ ناھايىتى تېزلىكتە تۇرمۇشىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى. ھازىر نۇرغۇن ئائىلىلەردە كىچىك بالىلاردىن تارتىپ، كىچىك بالىلارغىچە تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش بىر مودا ئېقىمغا ئايلاندى. ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ يات مەدەنىيەت بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىز ۋە تۇرمۇش ئادىتىمىزگە بەلگىلىك سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇنداقتا بىز تۇغۇلغان كۈنگە ئائىت تۆۋەندىكى بىر قىسىم دىئالوگلارنى كۆرۈپ باقايلى:
1-كۆرۈنۈش
- دادا، ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈم! دوستلىرىم بىلەن يىغىلىپ ئولتۇرمىساق بولمايدۇ، شۇڭا 500 كوي بەرمىسەڭ، مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالىمەن...
- ئوماق قىزىم، ماقۇل مەن قوللىرىمدىكى ماللارنى ئامال بار تېزرەك ساتاي، قالغىنىغا تونۇش-بىلىشلەردىن ئېلىپ بولسىمۇ، ئەتىگىچە تەق قىلىپ قوياي...
2-كۆرۈنۈش
- ۋەي، ئاپاممۇ؟ قانداق ياخشى تۇردۇڭمۇ؟ ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈم جۇمۇ!...
- قانداق بالام، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ تۇغۇلغان كۈنۈم؟ ئۆيدىكى ۋاقىتلىرىڭىزدا «تۇغۇلغان كۈن» دېگەندەك گەپلەرنى قىلمايىتتىڭىزغۇ؟
- ۋاي ئاپا، ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈم، باللا بىلەن پەيزى قىلىپ قىلىپ ئولتۇرمىساق بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىلدا بىرلا قېتىم كېلىدىغان تۇرسا... مەن سېنىڭ بالاڭمۇ ئەمەسمۇ؟
- ماقۇل بالام، ئېغىلىدىكى مالنى سېتىپ بولسىمۇ، ئازراق پۇل ئەۋەتىپ بېرەي...
- ئازراق پۇل يەتمەيدۇ، ئاز بولغاندىمۇ 300 كوي ئەۋەتكىن، سىنىپتىكىلەرنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالسام ساڭىمۇ سەت...
- ...
3-كۆرۈنۈش
- ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈم، نېمە ئېلىپ بېرىسىز؟! سىز بىلەن يۈرگەندىن بۇيان تۈزۈكرەك بىر نەرسىمۇ ئېلىپ بەرمىدىڭىز، ئەمدى بولسىمۇ خاتىرە قالغۇدەك نەرسە ئېلىپ بېرەرسىز؟
- مەن ئەتە سىزنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىمەن، مەن سىزگە سوۋغا قىلماقچى بولغان نەرسىنى سىز جەزمەن ياقتۇرۇپ قالىسىز.
- سىز بەك ياخشى جۇمۇ!...
4-كۆرۈنۈش
- توي قىلغىلىمۇ نەچچە يىل بولۇپ قالدى، يۈرگەن ۋاقتىمىزدا تۇغۇلغان كۈنۈمنى كاتتا ئۆتكۈزۈپ بېرەتتىڭىز، تويدىن كېيىن ھەممىسى جىمىپ كەتتى، بۇ قېتىم تۇغۇلغان كۈنۈم ياشلار بايرىمىغا توغرا كېلىدىكەن، چوڭراق ئۆتكۈزۈپ بەرمىسىڭىز، دوستلىرىم ئالدىدا يەرگە قاراپ قالىمەن...
- ۋاي-ۋۇي توي قىلىپ، ئىككى بالىلىق بولغاندىمۇ نېمە تۇغۇلغان ئۇ؟ بولدى، ئەمدى بىز ماۋۇ بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزسەك بولىدۇ. سەنزە، تېخىچە چوڭ بولماپسەن!
- قارىغاندا، ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدىكەنسىزدە! ئۇنداق بولسا بۇنداق ئۆينى تۇتقۇم يوق!
- نېمە دەۋاتىسەن؟ ئۆي تۇتقۇم يوق؟ بىر تۇغۇلغان كۈنۈڭ ئۈچۈنما! ئەگەر سەن بىلسەڭ، تۇغۇلغان كۈنۈڭدە سېنى يەڭگىش ئۈچۈن مىڭ جەۋرى-جاپانى يەڭگەن ئاشۇ ئاناڭنى يوقلاپ قويساق كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولاتتى. بۇ سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ ئەمەس، بەلكى ئاناڭنىڭ سېنى تۇغقان كۈنى ئىدى....
- ...
5-كۆرۈنۈش
- ئاداش، ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈم، دادام گەپ توق 400 كوي بېرىدۇ...
- ۋاھ، سېنىڭ داداڭ نېمانداق ياخشى! قارا، ئاداش ئىككىمىز دېگەن 400 كوينى 40 مىڭ كويدەك خەجلەيمىز. مەنمۇ دادامنىڭ ئىشكاپىدىن ئازراق پۇل ئېلىپ چىقاي، شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز ئەتە سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭدە بارلىق دوستلارنى يىغىپ، قۇلاق مىدىرلىغۇچە بىر ئىچمەيمىزمۇ!
- ئوغۇل بالىدەك گەپ قىلدىڭ، ئاداش، نېكەم بىزگە بۇنداق ئېچىپ باقمىغىلى!
يۇقىرىدىكى بەش كۆرۈنۈشتىن بىز تۇغۇلغان كۈن ئالدىدىكى ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان روھىي ھالىتى ۋە ئوي-خىياللىرىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. بۇلار بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆرۈلۈۋاتقان ئادەتتىكى كارتىنىلار بولۇشى مۇمكىن. ھەتتا بەزىلەر باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇغۇلغان كۈنىنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈشتەك قەبىھ جىنايەتلاردىنمۇ باش تارتماسلىقى مۇمكىن.
«تۇغۇلغان كۈن» دېگەن ئىبارەت تۇغۇلغۇچىغا قارىتىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما بۇ كۈننىڭ ھەقىقىي قەھرىمانىنى يەنىلا شۇ جاپاكەش ۋە كۆيۈمچان ئانا دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇ كۈندە مىڭ تولغاق يەپ، ئۆزىنىڭ مېھرىدىن ئاپىرىدە بولغان يۈرەك پارىسىنى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقۇزىدۇ. ئەمما ھازىرقى تۇغۇلغان كۈن بولسا پۈتۈنلەي تۇغۇلغۇچىغا مەنسۇپ بولۇپ، بۇ كۈندە ئانىنىڭ ئىسمى ۋە جاپاسى تىلغا ئېلىنىپ قويۇلمايدۇ. تېخى ئۇلارغا تۈرلۈك يېڭى ئالۋاڭلار ئارتىلىدۇ.
دوستۇم، سىزمۇ بەلكىم يىلدا بىر قېتىم تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ئۆتكۈزۈدىغانسىز، سىزمۇ بەلكىم يۇقىرىقى كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرەرىنى بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ باققانسىز. مەيلى قانداق بولمىسۇن، تۇغۇلغان كۈنىڭىزنىڭ ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان كۈن ئىكەنلىكىنى، بۇ كۈندە ھەقىقىي خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك كىشىنىڭ ئانىڭىز ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك.

         كۆرۈلۈشى:223     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/7/2 16:47:31يوللىغۇچى ئەزا:xirinim

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:ئەركەكلىكىنىڭ ئۆلچىمى
كېيىنكى ماقالە:لەۋگە قاراپ بىلگىلى بولىدىغان كېسەللىكلەر
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号