|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
قەدىردان دوستلىرىم، ئەزىز قىرىنداشلىرىم مەن ئوقۇغان بىر كىتاپتىكى مۇنۇ ئۈنچىلەرنى سىلەرگە سۇنماقچى مەقسەت پەقەت بىر پايدىلىق بولسا، ياخشى بولسا ھەمىمىز تەڭ بەھىرلەنسەك»تىن ئىبارەت. قىنى ئەمسە دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى دۇردانىلەردە بولسۇن. قىزىم،دىلبەندەم! گەپنى«ھەززىتى ئايال»ناملىق كىتابىمدا ساڭا كەلتۈرگەن تەرىپىمدىن باشلاي:«كامالىغا يەتكەن قىز مۇكەممەل سەنئەت ئەسىرىدۇر.ئۇ-ئاق چىچەك. ئۇ-نۇرلۇق غۇنچە. ھازىرلا يامغۇردا يۇيۇلغان،ئېقى ئاق، قىزىلى قىزىل بولۇپ ياشاۋاتقان چىمەنزار، ئۇ ئۈستىگە كۆڭلەك ئەمەس، بادام گۈللەرنى كىيىۋالغاندۇر، بولمىسا قىشىدىن ئوب قىتىم ئۆتسىڭىز شۇنچە مەسخۇش قىلارمىدى؟ ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئوغرىسى بار-خىيالىڭىزنى ئالىدۇ. ئاۋازىدا سېھرى بار-ئاھاڭى يۈركىڭىزگە ئىز سالىدۇ. پۈتۈن دۇنيانىڭ ئارمىنى شۇ كامالىغا يەتكەن قىز! مۇھەببەت ئۇنىڭ ئايىقىغا باش ئۇرۇپ يىغلاپ ھالاك! شائىرلارنىڭ دەستىدىن يەر شارىنىڭ ئوچۇق جايى قالمىغان-قىزلارنى تەرىپلەپ شېئىرغا تولدۇرۇپ يۈرۈپ! زېمىنمۇ كامالىغا يەتكەن شۇ قىغا قەسىدە ئېيتىپ ياشاپ كېلەر....» تەڭرىنىڭ شۇنداق بۈيۈك ئىجادى،نېمىتى بولغان قىزىم،ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! گۈل:قىزلار يۈزىگە ئوخشايمەن دىسە،غۇنچە:يار لىۋى كەبىمەن دەيدۇ. مەن خۇددى جاناننىڭ كۆزلىرىگە ئوخشاش،دەر قارا ئۈزۈم. بىز خۇددى يارنىڭ لېۋى، بىزنى شېئىر قىلىپ يېزىڭ،دەيدۇ گخلاس. دىلدا چېچىغا قاچان ئوخشارمەن،دەپ سۇ ئىچىدە بوزلايدۇ سۇمبۇل. قىزلارنىڭ ئىسمىنى تالىشار مىڭلاپ گۈل ..... دۇنيادا ھەرنە بولسا تەرىپى باردۇر. پەقەت «ئايال كىم؟» دېگەن سۇئالغا بۈگۈنگىچە بىرەر شائىر، سەنئەتكار ۋەياكى پەيلاسوپ جاۋاپ بېرەلمىدى مۇكەممەل،كەم-كۈتىسىز! چۈنكى،ئايال ئاسمانزادىدۇر. ئۇنىڭ تەرىپىنى ئۆزى بىلەر! مۆجىزە ئايىم،سەندىكى بۇ بۈيۈكلۈككە سېنىڭ ئالاقەڭ يوق، ئۇ تەڭرىنىڭ قۇدىرىتى! ئەگەر ئۇ ئارلاشمىسا قۇشقاچنىڭكىچىلىك جېنىڭ بىلەن بۇ يورۇق دۇنيانىڭ جىمى ئارسىلان سۈپەت يىگىتلىرىنى ئۆزەڭگە باش ئەگىدۈرەرمىدىڭ؟ ئۆزى ئاسىرىمىسا، تېنىڭدىن ئۈزۈپ، سۆڭىكىڭنى سۇندۇرۇپ بالا ياسىغىنىڭدا ئامان قالارمىدىڭ؟ نەپىس ئايىم، بارى-يوقى بىر تۈپ رەيھان كەبى قەدىڭ بار، خالاس! ئەمما ، تەڭرى شۇ تۇرۇشۇڭ بىلەن يەر يۈزىنىڭ ھەممە كىمىنى سەن بىلەن تولدۇرماقتا. ئۇنىڭ ھەممە جاراھىتىگە سىنى مەلھەم قىلماقتا! مەقامىڭنى بۇ دەرىجىگە يەتكۈزمەك ئۈچۈن قېنىڭغا نېمە قوشقانۇ، جېنىڭنى نىمىدىن ياراتقىنىنى بىر تەڭرىنىڭ ئۆزى بىلەر!
مەنبە:ئېلتەبىر مۇنبىرى |
كۆرۈلۈشى:2226 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-27 14:45:28 | يوللىغۇچى ئەزا:yigana444 |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|