|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
دادىنىڭ كىلىنگە يازغان خېتى
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۆز قىزىمدەك ئىززەت -ھۆرمىتىڭىزنى قىلىپ، كىچىككىنە بولسىمۇ ھۆرمىتىڭىزگە ئېرشەلمىگەن كېلىنىم. بىر قورۇدا تۇرۇپ سىلەر بىلەن كۆرۈشەلمەي يۇرگەن داداڭلاردىن سىلەرگە سالام. سىز بەلكىم بۇ خەتنى كۆرۇپ، <<بۇ ئۆلمىگەن قېرى نېمە دەپ خەت يازغاندۇ>> ، دەپ ئويلىشىڭىز مۈمكىن. مەن بۇ خەتنى ئۆزۈم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مېھىر - مۇھەببەتنىڭ ھۇزۇرىنى ئېلىپ تۇرۇپ، ئازراق بولسىمۇ مېھىر - مۇھەببىتىنى چىقىرالمايۋاتقان سىز ۋە سىزدەكلەرگە ئازراق بولسىمۇ ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈۇن يېزىۋاتىمەن . مەن كىچىكىدىن تارتىپ يېمەي يېگۈزۈپ، كەيمەي كەيگۈزۈپ، ھەم دادا ھەم ئانا بولۇپ، مىڭ بىر جاپا - مۇشەققەتلەردە چوڭ قىلغان كۆز نۇرۇم بولغان يالغۇز ئوغلۇم ئالى مەكتەپ ھاياتى جەريانىدا سىز بىلەن تونۇشۇپ مۇھەببەتلىك ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ توي قىلىشقا پۇتۇشكەن شۇ چاغلاردا مېنىڭ قانچىلىك خۇشاللىققا چۆمگەنلىكىمنى بىر خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. چۈنكى مەندەك بىر دادىنىڭ يالغۇز ئوغلىنىڭ بەختىنى كۆرۈشتىن ئارتۇق بەخت بولمىسا كىرەك . سىلەر توي قىلغان چاغدا سىلەرنىڭ رايىڭلارغا بېقىپ، كىشلەردىن قەرز ئېلىپ يۈرۈپ، خاھىشىڭلار بويىچە تويۇڭلارنى قىلىپ قويدۇم. چۇنكى رەھمەتلىك ئانىسىنىڭ ۋەسىيىتى شۇنداق ئىدى . بىراق ئاشۇ قەرزلەر يەلكەمنى خۇددى تاش - قىيالار باسقاندەك ھېلىھەم بېسىپ تۇرماقتا. ئەپسۇس بۇنى سىلەر قىلچىمۇ ئويلاپ قويمىدىڭلار. مەن تېخى ئۆيگە كېلىن كىرسە يۈكۈم ئازراق يەڭگىللەر دېگەن ئىدىم، ئەپسۇس................. مانا سىز كېلىن بولۇپ كىرگىلى 3 يىل بولۇپتۇ، مۇشۇ 3 يىل جەريانىدا سىز ماڭا تۈزۈك چىراي ئېچىپ باقمىدىڭىز، بىرەر قېتىم ھال -ئەھۋالىمنى سوراپ باقمىدىڭىز، بەئەينى جىنايەتچىگە مۇئامىلە قىلغاندەك قىلىپ كەلدىڭىز . ئوغلۇم بولغان ئادەممۇ كۈندە بىرەر قېتىم يوقلاپ كىرىپ قويسا بولمامدۇ، بىر قورۇدا تۇرۇپ ئايرىم ھوجرىدا سىلەر خۇددى ئات -ئۇلاققا يەم بەرگەندەك تاماقنى دەرىزىدىن تاشلاپ بېرىپ چىقىپ كېتىسىلەر، بۇنداق مېھىربانلىقى سىڭمىگەن تاماق قانداقمۇ گېلىمدىن ئۆتسۇن. سىز ھەتتا ئوماق نەۋرەمنىڭ مېنىڭ يېنىمغا كىرىشىگە يول قويمايسىز . سىلەر ئۆز ھوجراڭلاردا كۈلكە - چاقچاقلىشىپ يۈرگەن ۋاقتىڭلاردا، يالغۇز ھوجرامدا سىلەرگە قاراپ خۇشاللىققا چۆمسەم، يەنە تۇرۇپ بىللە ئولتۇرۇپ، شۇ خۇشال مىنۇتلاردا بىللە بولالمىغىنىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن. سىز ماڭا قىلغان شۇ مۇئامىلىرىڭىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئۆز ئاتا - ئانىلىرىڭىزغا ھەرگىز قىلماڭ. مەن ئۇلارنىڭ مەندەك ئازاپ تارتىشىنى ھەرگىز خالىمايمەن . سىزنىڭ بىر ئىشىڭىز ماڭا قىلغان ھەر قانداق ئىشىڭىزدىن ئېغىر كەلدى، ئۇنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ كىتەلمەيمەن. رەھمەتلىك ئانسى بىر كۈنلەردە نەۋرەم بولسا كەيسۇن دەپ تىكىپ قويغان ، ئۆزى كەيدۈرۈشكە ئۈلگۈرەلمىگەن ئاشۇ بىر قۇر كىيىمنى قۇربان ھېيىت كۈنى ئۆز قولۇم بىلەن كەيدۈرسەم، سىز ئاچچىقلاپ، كۆز ئالدىمدا سالدۇرۇپ، خۇددى كىتاب ۋاراقلىرىنى يىرتقاندەك يىرتىپ تاشلىۋەتكەنلىگىڭىز قەلبىمگە مۆھۈر باسقاندەك بېسىلىپ كەتتى .
|
كۆرۈلۈشى:957 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-26 1:06:22 | يوللىغۇچى ئەزا:ziminarkisi |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|