|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
1 . ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، سەن ئۈچۈن مەرتىۋە ، ئەڭ بۈيۈك پەزىلەت - ئىپپەتلىك بولۇشتۇر . ئىپپەتلىك ئايال گەرچە كەمبەغەل بولسىمۇ ، بىراق مەنىۋى جەھەتتىن بەدۆلەت ھېساپلىنىدۇ . ئىپپەتسىز ئاياللار ھەر قانچە بەدۆلەت بولسىمۇ ، كىشىلەر نەزىرىدە پەقىر ۋە ھۆرمەتسىز سانىلۇر . بۇينىغا تاقىغان مارجانلار ، باش ۋە كۆكرەككە قادالغان گۆھەرلەر ، مىليونلىغان پۇل - پۇچەكلەر بىلەنمۇ ئىپپەتنى سېتىۋالغىلى بولماس . ئىپپەت شۇنداق زور بايلىقكى ، ئۇنىڭ باھاسى يوق . خوتۇن - قىزلار گۈزەل ۋە چىرايلىقلىقىغا ، پۇل - ماللىرىغا ئەمەس ، بەلكى ئۆزلىرىدىكى ئىپپىتى بىلەن قۇۋانماقلىرى لازىم .
2 . ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ياخشى تەھسىل كۆرگەن ۋە ئىلىم نۇرى بىلەن خۇلقىنى ياخشىلىغان ئايال ھەر يەردە ئىززەت تاپقاي . ئىلىم - ئايال ئۈچۈن زىننەت . ئەقلىنى دادانلىقتىن قۇتۇلدۇرغان ھەر بىر ئايال نومۇس ، ئىززەت ، ئاياللىق قەدىرنى چۇشۇنۇپ يەتكەي . بۇنداق ئايال ھېچبىر ئىشتا ئاداشمىغۇسى . ئىلىمسىز ئايال بولسا بالا تەربىيسىدە تۈرلۈك كەمچىلىكلەرگە يول قويىدۇ . ئادەم ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر نەرسىلەر - نومۇس ، ئىززەت ، ھايا قاتارلىق پەزىلەتلەر ئىلىم - مەرىپەت ئارقىلىق كەسىپ قىلىنۇر بەدخۇلىق ۋە تېتىقسىز ئەرگە ئۇچىرغان ئايال بار كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئىرىگە ئۇنىڭ ناتوغرا يولدا كېتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۇرشى ، ئۇنىڭغا ۋەز-نەسىھەت قىلمىقى زورۈر .
3 . ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ئۆز ئەيىپىنى كۆرۇپ يېتەلمەيدىغانلارلا باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرمەسكە سالىدۇ . اللانىڭ تەقسىماتىغا رازى بولغان كىشىلا قولدىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرۇپ يۈرمەيدۇ . تاجاۋۇزچىلىق قىلىچىنى سۇغارغان كىشى شۇ قىلىچ بىلەن ئۆلتۇرۇلىدۇ . بۇرادىرىگە ئورا كولىغان كىسى ئۇنىڭغا چوقۇم ئۆزى چۈشىدۇ . كىمكى بۇرادىرىنىڭ ھۆرمەت پەردىسىنى يىرتسا ، ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ ئەيىبىنى ئاچقان بولىدۇ . كۆپ سۆزلىگەن كىشىنىڭ خاتالىقى كۆپ بولىدۇ ، خاتالىقى كۆپ كىشىنىڭ ھاياسى ئاز بولىدۇ ھايا ئاز كىشىنىڭ تەقۋالىقى ئاز بولىدۇ . قەلبى ئۆلگەن كىشى دوزاخقا كىرىدۇ . كىشىلەرنىڭ ئىيىبىنى كۆررۈپ ئۆزىنىڭ شۇ خىلدىكى ئەيىبىگە رازى بولغان كىشى ئەخمەقنىڭ دەل ئۆزى .
4 . ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال شۇنى بىلگىنكى ، كىمكى تەپەككۇر قىلىدىكەن ئىبرەت ئالىدۇ ، ئىبرەت ئالغان كىشى ناچار ئىش-ھەركەتلەردىن يىراق بولغان كىشى كېلىشمەسلىكلەردىن سالامەت قالىدۇ . ئادەمنىڭ شان - شەرىپى باشقىلاردىن بىھاجەت بولۇش بىلەندۇر . كۆڭلى - كۆكسى كەڭ بولۇش پۈتمەس - تۇگمەس بايلىقتۇر . قانائەتچان بول ، تەمە قىلما ، تىرىشچان بول ، يېلىنما ، ئېسىڭدە تۇتقىنكى ، تۆۋەندىكى قولدىن ئۇستۇنكى قول ياخشىدۇر . بايلىقنىڭ ئەڭ ئالىسى ئەقىلدۇر . يوقسۇللۇقنىڭ ئەڭ تۆۋىنى نادانلىق - ئەخمەقلىقتۇر . ئەخمەقلەر بىلەن دوستلىشىشتىن ساقلان . ئۇ ساڭا پايدا يەتكۇزمەن دەپ زىيان سالىدۇ ، يالغانچىلار بىلەن دوستلىشىشتىن ھەم ساقلان . |
كۆرۈلۈشى:868 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-26 1:03:07 | يوللىغۇچى ئەزا:ziminarkisi |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|