|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
ئۆي تۇتۇش ماھارىتىڭىزنى يۇقرى كۈتۈرۈڭ
|
|
|
بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا جەمئىيەتتە ساھىبجامال كېسەل كۆرپىسى لىن دەييۈنى خوتۇن قىلىشقا رايىڭلار بارمۇ ياكى ساغلام ، تولغان ساھىبجامال باۋ چەينىمۇ دېگەن مۇنازىرە بولغاندا نۇرغۇن ئەرلەر لىن دەييۈدىن ھوزۇرلىنىشقىلا بولىدىغانلىقىنى، لېكىن ساغلام باۋچەينى خوتۇن قىلىپ تاللايدىغانلىقىنى ئېيتقان. كورىيە كۆپ قىسىملىق تېلۋېزىيە تىياتىرى « يەنە بىر كۆرسەم» دىكى يۇنجۇ خانقىزنىڭ ئۆي تۇتۇش، تاماق ئېتىش، ئېرى ۋە چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش... تەك پەزىلەتلەرى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ. ئەرلەرنىڭ ھەممىسى خوتۇن دېگەن كومجۇدەك ساھىبجامال بولسا، يۇنجۇدەك ئىش بىلەر بولسا نېمىدېگەن بەخىت دەپ ئويلىغان بولىشى مۈمكىن. ئەگەر ھازىر جەمئيەتتە يەنە ساھىبجامال،لېكىن قولدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان كومجۇنى ئېلىشنى خالامسىلەر ياكى يېقىملىق، ئىشچان، ئەقىللىق، ئىدىتلىق، خۇشخۇي، ئىشچان، ساغلام... يۇنجۇنىمۇ دېگەن مەسىلە مۇنازىرە قىلىنىپ قالسا مېنىڭچە ئەرلەر چوقۇم يۇنجۇنى خوتۇنلۇققا تاللايدۇ، ئەگەر مەنمۇ ئەر بولۇپ قالسام يۇنجۇنى خوتۇنلۇققا ئالاتتىم. سىزنىڭمۇ ئېرىڭىزگە ياخشى كۆرىنىدىغان « مەخپى قورال»لىڭىز بارمۇ؟ ئازراق باغۋەنچىلىك بىلىملىرى، ئۇۋلاش تېخنىكىلىرى، تاماق ئېتىش ماھارەتلىرى... پەقەت ئېرىڭىزنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرشەلەيدىغانلا بولسىڭىز، ئۆي تۇتۇشقا كېرەكلىكلا بولسا ئۆگىنىپ قويغىنىڭىزنىڭ زىيىنى يوق. « ئايال خوجايىن» لارنىڭ خىزمىتى ئىنتايىن كۆپ، بالا باققۇچى، كىرچى خوتۇن، ئاشپەز ئۇستام، سېستىرالار باشلىقى، مېھمان كۈتكۈچى، ئۇششاق – چۈشەك ئىشلار مۇتەخسسىسى، قوشۇمچە شوپۇر، كاتىپ ۋە ھېسابچى، مال سېتىۋالغۇچى مۇتەخسىس، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى، ئايال خوجايىن، كادىرلار باشقۇرغۇچى، مەسلىھەتچى، غۇدۇڭشىشنىڭ ئوبىيېكتى، باش دېرىكتور ۋە ئاساسىي باشقۇرغۇچى... بولۇشى كېرەك. مانا مۇشۇنداق چاچتىن تولا ئىشلارنى مۇۋاپىق، رەتلىك، ئىدىتلىق ئورۇنلاشقا ماھارەت كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئېرىڭىزنىڭ نەزىرىدە چاقناپ تۇرغان نۇر ئىكەنلىكىڭىزنى ساقلاپ قالماقچى بولسىڭىز، يەنە ئۆزىڭىزنىڭ سېھرى كۈچىڭىزنى ساقلاپ قېلىشىڭىز كېرەك. ئۆز ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى تۈرلۈك ئوخشاشمىغان شەكىللەر بىلەن ئىپادىلەپ، ئۇلارنى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان قىياپەتكە كىرگۈزىدۇ. - تاگور باغۋەن ئىش پېيىدا بولمىسا بەزەن، باسىدۇ شۇ ھامان ئەتراپنى تىكەن. - خۇسراۋ دېھلىۋى |
كۆرۈلۈشى:844 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-25 23:27:33 | يوللىغۇچى ئەزا:ziminarkisi |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|