|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
ئىرىڭىزگە ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى قىلغۇزماڭ
|
|
|
ئەرلەر بازار ئايلىنىش، نەرسە – كېرەك سېتىۋىلىش، ھەتتا ئالدىن كېلىشىۋېلىپ ئۇچرىشىش قاتالىق ئۇششاق- چۈشەك ئىشلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ، بۇ خۇددى ئاياللار پۇتبول ئويناش، مىلتىق ئېتىش، ئات مىنىشنى ياخشى كۆرمىگەندەكلا بىر ئىش. مەن ھېچقانداق بىر ئايالنىڭ ئاغزىدىن مېنىڭ ئېرىم مەن بىلەن بازار ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىدىم ( مېنىڭ ئېرىممۇ شۇ) . شۇنداقلا مەن بازاردا خوتۇنىنىڭ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ، خوتۇنىنىڭ كەينىدىن بارلىق داڭلىق ماگىزىنلارنى ئارلاپ يۈرگەن ئەرلەرنىڭ بىرەرسىنىڭمۇ چىرايىنىڭ ئېچىلغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. مەجبۇرلانغان ئەرلەرنىڭ، بىتاقەتلىك، ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان چىرايلاردىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئايالىغا ياكى سۆيگۈنىگە ھەمراھ بولۇپ ماگىزىن ئارىلاش ھەممە ئەرلەر ئۈچۈن بىر خىل باش ئاغرىقى. نەرسە- كېرەك سېۋالسۇن- سېتىۋالمىسۇن بىكاردىن بىكار بىر قانچە سائەت ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، ماگىزىننىڭ ئاستىنىقى قەۋىتىدىن ئۈستۈنكى قەۋىتىگىچە ھەممە يەرنى تەپسىلى بىر قېتىم ئارلاپ چىقىدۇ. بۇنداق قىلىمىسا كۆڭلى ئۇنىمايدۇ. « چوڭ» ئەرلەرنىڭ « چوڭ- چوڭ» ئىشلارنى قىلىشى بۇزۇلماس ھەقىقەت، بىر ياخشى خوتۇن ھەرگىزمۇ « چوڭ» ئىشلارنى تەۋرىتىش ئىرادىسى بار ئەرلىرىنى «ئۇششاق- چۈشەك» ئىشلارغا سالمايدۇ. ئۇلارنى ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا زورلىغاندىن كۆرە، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى ئۆزىڭىز قىلىغىنىڭىز تۈزۈك. « ھەر كىمنىڭ ھەۋىسى باشقا» ئېرىڭىزنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىشىغا يول قويۇڭ! ئەگەر سىزنىڭ ئىززەت- ئابرويىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ئىش بولمىسىلا! ئۆيلىنىش – ئۆز ھوقۇقلىرىڭنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىش ۋە مەسھۇلىيتىڭىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇش دېگەنلىكتۇر. - شاپېنگائوئېر ئىللىقلىق بىلەن تولسۇن روزىغارىڭ، قوپاللىق بۇزمىغاي سەبرۇ- قارارىڭ. - ئابدۇشۈكۈر بەلخىي |
كۆرۈلۈشى:596 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-25 23:25:31 | يوللىغۇچى ئەزا:ziminarkisi |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|