|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
باشقىلار بىلەن تىلفۇندا سۆزلەشكەن ۋاقىت بەك ئۇزۇن
|
|
|
مەلۇم بىر مودا ئەر – ئاياللار ژورنىلىنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىچە، توي قىلىپ بولغان ئاياللار ئىچىدىكى مۇنداق ئۈچ خىل ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئادالەتسىز مۇئامىلىسىگە ئۇچرايدىكەن: نامى چىقىپ قالغان ئاياللار؛ كىچىك ئىشنى چوڭ قىلىۋېتىدىغان، دائىم كوتۇلدايدىغان ئاياللار؛ تېلېفوننى قولىغا ئېلىۋالسا سائەتلەپ سۆزلىشىدىغان ئاياللار. بەزى ئاياللار مەيلى ئۆزى تېلېفون قىلسۇن ياكى باشقىلاردىن تېلېفون كەلسۇن تېلېفوندا سۆزلەشكەن ۋاقتى ئاز دېگەندە 40 مىنۇت بولمىغىچە تېلېفوننى قويۇۋەتمەيدۇ. بىر گەپنى تەكرار نەچچە ئېيتىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىۋېتىدۇ. ھەتتا يەنە بەزى قىلىقسىز ئاياللار باركى، خەقنىڭ ئۆيىگە بېرىپ توختىماي ئۇياق – بۇياققا تېلېفون قىلىپ ساھىبخاننى قان قىلېۋىتىدۇ. ھەتتا خەقنىڭ ئۆيىگە ئۆلۈم پەتىسگە بېرىپ، ھازىدارنىڭ تېلېفونىنى ئىشلىتىپ چاي ئورۇنلاشتۇردىغان ئاياللارمۇ بار. ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان بىر ئايال ھەرگىزمۇ ئىش بولسۇن- بولمىسۇن باشقىلار بىلەن تېلېفوندا ئەھمىيەتسىز گەپلەرنى تەكرار- ەكرار ئېيتىپ، سائەتلەپ سۆزلىمەيدۇ. ئاشۇنداق تېلېفوننى قولىغا ئېلىۋېلىپ قويۇۋەتمەيدىغان ئايال پەقەت مۇنداق ئۈچ خىل نەتىجىگە ئېرىشىدۇ: (1) ئۆزىنىڭ پۇلىنى ئىسراپ قىلىدۇ؛ (2) باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئالىدۇ؛ (3) ئېرىنىڭ كەيپىياتىنى ناچارلاشتۇرۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن سىرت، تېلېفوندا مۇنداق ئۇزۇن سۆزلىشىدىغان ئاياللار باشقىلاردىن كەلگەن تېلېفوندىمۇ شۇنداق ئۇزۇندىن – ئۇزۇن سۆزلىشىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەسىلىدە بىر ئوبدان ياخشى كۆڭۈل بىلەن ئەھۋال سوراپ ئۇرۇلغان تېلېفوننى تېتىقسىزلاشتۇرۇپ، قايتا تېلېفون ئۇرۇشتىن قورقىدىغان قىلىپ قويىدۇ. تېلېفون ئۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۋالماسلىق، گەپ بولسا گېپىنى تۈگىتىپلا خوشلىشىش، مۇھىم ئىشى بولمىسا قىسقىلا ئەھۋاللىشىش زۆرۈر، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىشلاردا، يەنى دوست- بۇرادەر، يېقىن يورۇقلىرىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە، بېشىغا قايغۇ كەلگەن چاغلاردا، ھېيت- بايراملاردا، تەبىرىكلەش زۆرۈر بولغاندا، سېغىنغاندا... تېلېفون ئۇرۇپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن ۋاقىت كونترول قىلىنىشى كېرەك. تۇرمۇشۇمنىڭ شۇ قەدەر ئاددىي ئۆتۈۋاتقانلىقىغا ھەرگىز كۆڭلۈم يېرىم بولمايدۇ، بىردىنبىر ئەپسۇسلىنىدىغىنىم بىر كۈننىڭ تولىمۇ قىسقىلىقى ۋە شۇ قەدەر تېز ئۆتۈپ ېتىۋاتقانلىقى. - كىيۇرى خانىم سۆز تىنىق كېلىدۇ كۆڭۈلگە زىلال... تەكراردىن كېلىدۇ كۆڭۈلگە مالال... - ئاندۇراخمان جامىي |
كۆرۈلۈشى:822 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-25 23:24:02 | يوللىغۇچى ئەزا:ziminarkisi |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|