|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
كۈندە ئۇرۇقلاش جىدىلى قىلماڭ
|
|
|
مېنىڭ بىر قوشنام ناھايىتى سېمىز، سېمىز بولغاندىمۇ باشقا يېرى ئەمەس، قورسىقى ئوڭ تەرەپكە تومپىيىپ چىققان سېمىز. مەن بەزىدە تېلېۋىزوردىن كۆرگەن ئورۇقلاش دورىلىرىنى ئۇ قوشنامغا تونۇشتۇرۇپ كېتىمەن، خىيالىمدا ئۆزىنىڭ سېمىزلىكىدىن چوقۇم كۆڭلى يېرىم بولىدۇ دەپ ئويلىسام كېرەك، راست گەپنى قىلسام، مەن ئەگەر ئۇ قوشنامنىڭ ئورنىدا بولسام بەلكىم كۈندە قايغۇ- ھەسرەت ئىچىدە يۈرگەن بولاتتىممىكىن. بىراق، بۇ قوشنامنىڭ پىسخىكىسىنىڭ ساغلاملىقى مېنى ئىنتاينى ھەيران قالدۇردى، ئۆزنىڭ سېمىزلىكىدىن ئۆزىنى ياراتمايدىغان ئىشنى قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزىنىڭ بەدىنىگە ماس كېلىدىغان پوسۇنلاردا شۇنداق چىرايلىق كىيىم تىكتۈرۈپ كىيىۋالىدىغان بولسا كۆزلىرىمگە بەزىدە ئىشەنمەيلا قالىمەن. سېمىزلىكىدىن ئىش خۇشياقمىسا بولاتتى، بىراق ھەرقانداق يەرگە بارسا ئايىغى يەرگە تەگمەي ئىش قىلىپ، يارىدەملىشىپ، ساھىبخاننىڭمۇ، مېھمانلارنىڭمۇ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالىدۇ، يولدىشىنىڭ ئامراقلىقىچۇ تېخى! ھەممە ئادەم گۈزەللىكىنى سۆيىدۇ، ئاياللار ئۆزىنىڭ جەزبىدارلىقى ۋە چىرايلىق فىگورىسىنىڭ بولۇشىنى، مەڭگۈ قېرىماسلىقىنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن، جەزبىدارلىقىنى ئۆزىڭىزنىڭ ساپارىڭىز ئارقىلىق ساقلاپ قالسىڭىزمۇ، لېكىن قېرىماسلىققا، ئىرسىي سېمىزلىككە ھەقىقەتەن ئامال يوق. ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق كەلگىنى ئەڭ ياخشى بولغىنى، ئېرىڭىزنىڭ تولغان ئاياللارنى ياخشى كۆردىغىنىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ سېمىزرەك بولۇپ كەتسىڭىز نېمە بوپتۇ؟ كۈندە ئورۇقلىسام بولاتتى دەپ جېدەل قىلىشنىڭ ئورنىغا مېنىڭ قوشنامدەك ئۆزىڭىزنى خۇشال – خۇرام تۇتسىڭىز تېخىمۇ ئوماق كۆرۈنمەمسىز؟ ياش چاغدىكى ئەر- خوتۇن قېرىغاندا ھەمراھ دەپتىكەن، ئېرىڭىزنىڭ ئاۋازىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىش، ئارزۇ- ئۈمىدلىرىنى قاندۇرۇش، مۇرادىنى ھاسىل قىلىش- مۇھەببەتنىڭ نامى بىلەن نىكاھىڭلار ئۈچۈن قىلغان ئەڭ ئاقىلانە ئەڭ جەلىپ قىلارلىق، ئەڭ گۈزەل تاللاشتۇر. سىزنىڭ بۈگۈندىن ئىتىبارەن ئۆزىڭىزنىڭ تېنىڭىزنى كەمسىتمەيدىغان بولغىنىڭىزنى تەبىرىكلەيمەن. بىر ئايال پەرداز بويۇملىرىنى ئىشلىتىپ بىر مەھەل ئۆزىنى كۆرسىتىۋېلىشى مۈمكىن، بىراق باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى يەنىلا ئۆزنىڭ ئەخلاقى- پەزىلىتىگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرىدۇ. ھەققىي گۈزەللىك گۈزەللىكنىڭ ئۆزىدە نامايان بولۇپ تۇرىدىغان روھىي تېتىكلىكتە. - روسسۇ كىشى ئۆزلىكىدىن ياخشى يە يامان، قەدىرلىك خار ۋە زار، غەمكىن، شاد-خۇرام، ئەقىل ئېيتار: بۇلارنى پەلەككە ئارتما، پەلەك سەندىن ئاجىز بىچارە ھامان. - ئۆمەر ھەييام |
كۆرۈلۈشى:457 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-25 23:17:53 | يوللىغۇچى ئەزا:ziminarkisi |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|