يېڭى تۇغۇتلۇق ئاياللاردىكى سۈت كەلمەسلىكنىڭ سەۋپلىرى نىمە؟
ئۇنى داۋالاش ئۇسۇلىچۇ؟
مەسلىھەت بىرىشڭلارنى سورايمەن.
سۇت كەم بۇلۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرى :
1. يېڭى تۇغۇتلۇق ئايال تۇغۇت جەريانىدا قان يوقىتىشتىن كەم قانلىق ئەھۋالى يۇزبىرىپ سۇت ئازىيىپ قالىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋالدا قان تۇلۇقلاش چارىسىنى قىلىش كېرەك
داۋالاش ئۇسۇلى :ئاددى مائىل ئۇسۇل شەربىتى ،) ھەسەلنى قاينىتىپ قايناق سۇ بىلەن تەڭشەپ تەييارلىندۇ. ( تەرەنجىل قىيامى ، قارا كالىنىڭ سۇتى ، ئۆچكە سۇتى يەرلىك توخو گۇشى ، سەۋزە ، چامغۇر نۇقۇت پاقلان گۇشى قاتارلىقلارنى تەڭشەپ بىرىشى كېرەك . ئامال بار يىمەك- ئىچمەك ئارقىلىق داۋالاشنى ئاساس قىلىش كېرەك يىمەك - ئىچمەكنى ماسلاشتۇرۇپ مىزاجنى تەڭشەپ تۇرۇش كېرەك .ئانار ، بۆلجۇرگەن ، چىلان ، ئەنجۇر ياكى ئەنجۇر قېقى ، قاتارلىق مىۋىلەرنى ، پالەك ، كەرەپشە ، سەۋزە ، چامغۇر ، نۇقۇت، قاتارلىق
كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بىرىش كېرەك .
2. بەدەننىڭ مىزاجى بۇزۇلغانلىقتىن سۇت كەلمەسلەك ئەھۋالىمۇ كىلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدا ئاساسلىقى قاننىڭ بۇزۇلىشىدىن ياكى 3 خىلىتنىڭ بىرى قانغا ئارلاشقانلىقتىن بۇلىدۇ. بۇنىڭدا : سۇتنىڭ رەڭگى سېرىق ، سۇيۇق ئىسسسىق، ئۆتكۇر بولسا سەپرانىڭ غالىپلىقىدىن بولغان بۇلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا : تۇغۇتلۇق ئايال 1) ئاچچىق ، تاتلىق ئانار سۇيى ، سىركەنجىۋىل شەربىتى ، ئىچىپ بەدەننى تازلاپ ئاندىن قان تۇلۇقلاش سۇت كۆپەيتىش ئىلاجىنى قىلىش كېرەك
2) سۇتى ئاق چۇچۇمەل بولسا بەلغەمنىڭ غالىپلىقىدىن بۇلىدۇ . بۇخىل ئەھۋالدا بەدەننى تازلاش ئۇچۇن سىركەنجىۋىل بىرىلدۇ،
دراچىن ، ئاچىققسۇ ، سالغان نۇقۇت سۇيى بىلەن غىزالانسۇن . ئاندىن سۇت كۆپەيتىش ئىلاجىنى قىلسۇن
3) ناۋادا سۇتنىڭ رەڭگى كۆك ، ھەم قۇيۇق ھەم ئاز بولسا بەدەننى سەۋدادىن تازلاپ يىمەك - ئىچمىكىگە ھۆل ئىسسىق نە
نەرسىلەر بىرىلدۇ. غىزاسىغا توخو گۇشى ، پاقلاننىڭ ياغلىق شورپىسى بىرىلدۇ.