مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە ، تېلېۋىزور ۋە باشقا رادىئاتسىيىلىك ئېكرانلار بىر خىل خەتەرلىك ئېنېرگىيە چىقىرىدىكەن ، كىشلەر ئۇزاق ۋاقىت ئىشىك ، دېرىزىلەرنى تاقاپ تېلېۋىزور كۆرسە ، ئاسانلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن .
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى : تېلېۋىزور ئىكرانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆرۈنمە ئېكرانلار كۆز ، يىلىك ۋە مۇسكۇلغا بىۋاستە تەسىر قىلىدىكەن ، ۋاستىلىك ھالدا جىددىيلىك ۋە بېسىم پەيدا قىلىدىكەن . شۇڭا كىشلەر تېلېۋىزوردىن ھۇزۇرلىنىشنىلا بىلمەستىن ، يەنە سالامەتلىكنى ئاسراشنىمۇ بىلىشى كېرەك . بىراق بۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەپ كېتىش بىھاجەت ، چۈنكى نەچچە سائەت ئىشىك ، دېرىزىنى تاقاپ ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرگەندىلا بۇ خەتەر مەچجۇت بولىدۇ . پەقەت دەرىزىنى ئېچىپ قويسىڭىزلا ، راك پەيدا قىلىدىغان ئۇ خىل ئېنېرگىيە تارقاپ كېتىدۇ . شۇڭا ئۇدا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق تېلېۋىزور كۆرگەندە ، چوقۇم دېرىزىنى بىر قېتىم ئېچىۋېتىش كېرەك .