|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
قىزلار تېگىشنى خالىمايدىغان ئەرلەر
|
|
|
قىزلار تويدىن كېيىن خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈچۈن بەلگىلىك شەرت-شارائىت ھازىرلىنىشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن قىزلار لايقىنىڭ شارئىتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، تەلەپكە لايىق بولمىغانلىرىنى ئويلاشقىسىمۇ كەلمەيدۇ. قىزلار ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئەرلەرگە تېگىشنى خالىمايدۇ: ئائىلە ئىقتىسادى ناچارلار. يىگىتنىڭ ئائىلە شارائىتى قىزلار ئەڭ ئاۋال ئويلىشىدىغان ئامىل. مۇقىم خىزمىتى يوقلار. قىزلار يىگىتىنىڭ باي بولىشىنى تەلەپ قىلمىسىمۇ، مۇقىم خىزمىتى، تالانتى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. خىيالپەرەسلەر، تۇتامى يوقلار. قىزلار ئىقتىسادى چەكلىك يىگىتلەرنى قوبۇل قىلالايدۇ، بىراق كۈن بويى خام خىيال سۈرىدىغان، «ياپسام پىشارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ» دەپ ئىككىلىنىپ تۇرىدىغانلارنى ياقتۇرمايدۇ، چۈنكى ئۇلار تىرىشىپ ئىشلىسىلا تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. يالغانچى ئەرلەر. قىزلار تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولمىغان ئەرلەردىن بىزار. شەخسىيەتچى، مەسئۇلىيەتسىز ئەرلەر. كۆپىنچە قىزلار كەسىپنى مۇھىم، ئىدارىسىنى ئائىلە دەپ بىلدىغان ئەرلەرنى ياقتۇرمايدۇ. قىزلار خىزمەت ۋە ئائىلىگە تەڭ قارايدىغان، مەسئۇلىيەتچان ئەرلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. چېپىلغاق ئەرلەر. قىزلار يىگىتىنىڭ ئەزىزلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، بىراق شەخسىي بۇيۇمدەك كونتىرول قىلىشنى خالىمايدۇ. ئىچ مىجەز، قوپال، غەلىتە ئەرلەر. خاپىلىقى بىلەن خوشلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئەرلەر قىزلارنى بىزار قىلىدۇ. ئاتا-ئانىسى بىلەن چىقىشالمايدىغان ئەرلەر. ھازىر قىزلار ئائىلىسىدە ئەتىۋارلىنىپ، مەلىكىدەك چوڭ بولىدۇ، شۇڭا قېيىنئاتا-قېيىنئانىسىنىڭ چىقىشقاق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. |
كۆرۈلۈشى:794 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011-6-11 20:31:22 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|