شىنخۇا ئاگېنتلىق لوندون تېلېگراممىسى : ئاياللار سودا – سارايلارنىڭ دائىملىك خېرىدارى . ئۇلار بەزىدە يېڭى ماللاردىن ھوزۇرلانغىلى كوچا ئايلانسا ، بەزىدە باھاسى چۈشۈرۈلگەن ‹‹ماللارنى قىرىۋېتىدۇ››؛ يارىشىملىق كىيىم تېپىش ئۈچۈن ‹‹ئۇزاق يوللار››نى باسىدۇ .
ئەنگىلىيىدىكى ‹‹دىنام›› تۈرلۈك ماللار شىركىتى يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : ئاياللار ھەر ھەپتىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2.5 سائەت بازار ئايلىنىپ ، 4.7 كىلومېتىر يول ماڭىدۇ . شۇنداق ھېسابلىنىغاندا ئۇلار يىلدا 159 سائەت 57 مىنۇت بازار چۆگىلەيدۇ ، بۇ جەرياندا 247 كىلومېتىر يول ماڭىدۇ .
مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى