|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
ئەقىللىق ئاياللار مۇلايىملىقىنى يوقاتمايدۇ
|
|
|
ياش ئاتا-ئانىلار قىزلىرىنىڭ ئوغۇل بالىدەك تۈرگۈن بولۇشىنى ئارزۇ قىلغاچقا، ئۇلارنى كىچىكىدىن تارتىپلا ئىرادىلىك، باشقىلارغا بوزەك بولمايدىغان، بولۇپمۇ ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ئىدارىسى كۈچلۈك قىلىپ تەربىيلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن زامانىمىزدىكى قىزلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ناز-كەرىشمە ۋە مۇلايىملىق كەملەپ كەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئائىلىدە ئانىنىڭ ئاتىغا بۇيرۇق تەلەپپۇزۇدا گەپ قىلىشى ۋە چوڭ-كىچىك ئىشلاردا يول قويماسلىقى قىزلارغا تەسىر قىلىپ، ئۇلارنى ھاكاۋۇر، مەنمەنچى قىلىپ قويىۋاتىدۇ. ھازىرقى زاماندىكى ئوغۇللار دەل ئەكسىچە بولۇپ، كۆپىنچىسى قىزلارغا يول قويۇشنى «ئالىيجانابلىق» دەپ بىلىدۇ. سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئانىسىنىڭ ئاتىسىغا قىلغان زورلۇقىنى كۆرۈپ تۇرغاچقا، ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى خوجىلىق ئورنىغا كۆنۈپ قالغان. بۇنداق ئوغۇللار قىزلارنىڭ يولسىزلىقىنى كۈلۈپلا ئۆتكۈزۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھاكاۋۇر، مەنمەنچى قىزلار كىشىگە گۈزەل كۆرۈنمەيدۇ. قىزلار مۇلايىملىقى، ناز-كەرەشمىلىكى بىلەن ئوغۇللارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالايدۇ، شۇڭا ئوغۇل-قىزلار يەنىلا خاسلىقنى ساقلىغىنى ياخشى. ئەقىللىق ئاياللار يۈرۈش-تۇرۇشىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىشى، مۇلايىم، ئاچچىقىمۇ، تاتلىقىمۇ بولۇشى لازىم. ئەقىللىق ئاياللار ئەقىل-پاراسىتىگە تايانغاندا، ئېرىنى ئۆزىگە رازىمەنلىك بىلەن كۆندۈرەلەيدۇ. بۇنداق ئاياللاردا ئەقىل-پاراسەت بىلەن گۈزەللىك مۇجەسسەملەشكەن دېيىشىكە بولىدۇ.
___ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |
كۆرۈلۈشى:679 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011-6-2 10:35:59 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|