|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
تازىلىق ئۆيىدىكى بەڭگە قىزلار
|
|
|
بۈگۈن بۇرادىرىم ئادىل ئوغىلىنىڭ خەتنە توي مەرىكىسى ئۈچۈن داستىخان سالغانىدى . چەتىرەك بىر ئورۇننى تاللاپ ئولتۇرغاچ ئەتىراپقا نەزەر سالدىم . بۇلۇڭ تەرەپتىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان . ئەمدىلا 15-16 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بالىلار ئالاھىدە دېققىتىمنى تارتتى ،چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھاراق-تاماكا ئالمىشىۋاتاتتى . تائاملار يېيىلىپ ھايال ئۆتمەي <<سورۇن>> باشلاندى . چوڭلارغا قارىغاندا كىچىكلەرنىڭ غوۋغالىرى سورۇننى بېسىپ كەتكەنىدى . بىر چاغدا بۇرادىرىم ئادىل خانىمى ۋە بىر قانچەيلەننىڭ ھەمراھلىقىدا ھەر بىر ئۈستەلگە كىلىپ مېھمانلاردىن ھال سورىدى ، بىراق ھېلىقى ئۈستەلگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ ، بىر-بىرىگە ھەيرانلىق ۋە تەئەججۈپ ئىچىدە قاراپ قېلىشتى . كېيىن بىلسەم ، ئۇلار چاقىرىلمىغان مېھمانلار بولوپ ،ئەر-خوتون ئىككلىسى تونىمايدىكەن . بىردەمدىن كېيىن رىياسەتچىنىڭ <<چولپان>> دەپ تونۇشتۇرغان ئۇسسۇلچى كالتە كىيمى بىلەن ئەرەپچە ئۇسسۇلغا چۈشتى ، سورۇندىكى چوڭلار خىجىللىقتىن پەسكە قاراپ ئولتۇرماقتا ، بەزى ياشلار بولسا كۆزلىرىدىن ئاللىقانداق بىر مەنىلەرنى ئىپادىلەپ ، قىزنىڭ نېپپىز كىيىملىرىنىڭ تۇيۇقسىز يىرتىلىشىنى كۈتىۋاتقاندەك قىلاتتى . بۇ مەنزىرىلەرنىڭ كۆرىۋاتقاندا قەلبىم ئېيتقوسىز ئازاپ ۋە ئەندىشىگە پاتتى ، ئۈزۈمنى خۇددى يات بىر قۇۋۇم ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك ھېىس قىلماقتا ئىدىم .ئەجىبا ،ئاتا-بۇۋىلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ھەم ئۇزاقتىن بۇيان بىزگە ماياك بولوپ كېلىۋاتقان ئۆرپ-ئادەت ،مەدەنىيەتلىرىمىزدە مۇشۇنداق ئەخلاقسىزلىقلار بارمىدى ؟ ئەجەبا ،بىز تەرەققى قىلدۇق ، زامانىۋىلاشتۇق دەپ ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتەمدۇق ؟ كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ، بۇ قانداقتۇر زامانىۋى مەدەنىيەت ۋە ئىلغارلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ ،بەلكى روھى زەئىپلىكتىن ،نادانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا ،بالىلارنىڭ بەزمىخانا ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تورخانىلاردا تۈنەپ <<سېرىق مەرەز>> لەرگە چاپلىششى ،دۆلەتنىڭ قانون-نېزاملىرىغىمۇ خىلاپ ،بۇ نى ھەم ئاتا-ئانىلارنىڭ ،پۇل پەرەس خۇجايىنلارنىڭ ،شۇنداقلا جەمىيەتنىڭ مەسئولىيتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . ئۇنىڭدىن قالسا ، جەمىيەتتىكى ھەر ساھە ئاممنىڭ بۇندا ئىشلارنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئېرەن قىلماسلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك . مەن مەھرۇم بولغانلىرىمىزدىن ،سادىر قىلغان خاتالىقلىرىمىزدىن كېلىپ چىققان ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەچ ئۇيغۇر مەدىنيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرى پۈتۈلگەن مۇقەددەس قامۇسنى كۆرۈپ بولوپ ،دۆلىتىمىزنىڭ قانون-نېزاملىرىدىن تۈزۈلگەن قېلىن توپلامنى قولۇمغا ئالدىم . قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانونى ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانونى قاتارلىقلارنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىدا ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تاماكا چەكمەسلىك ،ھاراق ئىچمەسلىكى ھەققىدە تەربىيە بېرىشى كېرەكلىكى ، ھەر قاندقا تىجارەت سورىنىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھاراق-تاماكا سېتىپ بەرمەسلىكى ئېنىق بەلگىلەنگەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانونىنى يولغا قويۇش چارىسىدىمۇ بۇ ھەقتە ئىنىق بەلگىلىمىلەر بار ئىكەن ، بىراق بىز ئەمەلىيەتتە يۇقۇرقى قانون-نېزاملارنى قانچىلىك ئەمەلىلەشتۈرەلىدۇق ،ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان ئېسل ئەنئەنىلەرگە قانچىلىق ۋارىسلىق قىلالىدۇق ؟ قانونچىلىق گېزىتىدىن غۇپۇرجان ھەبىبوللا . |
كۆرۈلۈشى:1085 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011-3-21 19:29:06 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|