|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
ئەنگىلىيەلىك تەتقىقاتچىلار 16 ياشتىن يۇقىرى 1461 ئايالنىڭ بوي ئېگىزلىكى بىلەن تاپاۋىتى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ، يىللىق مائاشى 30 مىڭ فۇندستېرلىڭدىن ئاشىدىغان ئاياللار ئارىسىدا بويى 1.72 مېتىردىن ئاشىدىغان ئاياللار سانىنىڭ بويى ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئاياللارنىڭ سانىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدىغانلىقىنى بايقىدى ھەمدە مۇنداق يەكۈن چىقاردى : ‹‹بويى پاكار ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، بويى ئېگىز ئاياللارنىڭ تاپاۋىتى ياخشى بولىدىكەن ›› . تەكشۈرۈش دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى : ‹‹ ئېگىز ئاياللار قاتارىغا تەۋە %20 ئايالنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇلارنىڭ يىللىق مائاشى 30 مىڭ فۇندستېرلىڭدىن چۈشۈپ كەتمەيدىكەن ؛ بوي ئېگىزلىكى 1.72 مېتىردىن تۆۋەن ئاياللارنىڭ ئاران 10% ى يىللىق مائاشىنىڭ 30 مىڭ فۇندستېرلىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى››. ئېگىز ئاياللار ئارىسىدىكى بىر ئايال مۇنداق دېدى : ‹‹ جەلپ قىلىش كۈچىمىز بىلەن ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنىڭ مەنبەسى بويىمىزنىڭ ئېگىزلىكى›› . بىراق بۇ خىل قاراشنى ياقىلايدىغان پاكار ئاياللارنىڭ نىسبىتى %5 بولدى . دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى : ‹‹ ئاياللارنىڭ بويى قانچە ئېگىز بولغانسېرى ، ئۇلار بەلكىم ئۆزىنىڭ بەدەن سۈپىتىدىن شۇنچە رازى بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى پاكار ئاياللار قاتارىدىكى 90% ئايال ئېتراپ قىلىپ ، ‹‹ بوي بەستىمدىن ھېچقاچان رازى بولۇپ باقمىغان دېيىشتى›› . |
كۆرۈلۈشى:786 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011-3-21 19:21:24 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|