Article Center - ماقالە مەركىزى - باشلىقلارنىڭ ئىلتىپاتىغا ئاسان ئېرىشىدىغان يەتتە خىل ئايال
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ ياسىنىشقا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى ئاياللارنىڭكىدىن كۆپكەن
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مۇستەقىل كۆز قارىشى يوق «ئېمىزگىلىك»يىگىت مۇھەببىتىدىن ئايرىلىش خەۋوىگە دۈچ كەلدى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيلىك ئايال چاچ بويىقىنى ئىشلىتىپ ھۇشىدىن كېتىپ، ھازىرغىچە ھۇشىغا كەلمىدى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


باشلىقلارنىڭ ئىلتىپاتىغا ئاسان ئېرىشىدىغان يەتتە خىل ئايال

  • مەنبە: www.jobbole.com
  • 2011-02-26 04:19

  • سۆز بېشى:
    <<ھەممە گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا>> دېگەندەك ئەر باشلىق بىلەن قول ئاستىدىكىلەرنىڭ  خۇي-پەيلى ۋە خاراكتېرىدىمۇ مەلۇم پەرقلەر بولىدۇ. چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ كۆز قارىشى ۋە ئىدىيىسىدە پەرق بار. ئوخشىماسلىقلارنى قويۇپ تۇرۇپ، ئورتاق پىكىردە بىرلىككە كەلگەندە، ئەر باشلىق بىلەن قول ئاستىدىكى ئايال خادىمنىڭ ئورتاقلىقىنى تاپقىلى بولىدۇ. نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەر باشلىقلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئورتاق پىكىرگە قارىغاندا، ئەر باشلىقلار تۆۋەندىكى يەتتە خىل ئاياللارنى ئۆزىنىڭ ياردەمچىسى، كاتىپى ۋە قول ئاستىدىكى مۇھىم خادىم قىلىپ تەيىنلەشنى خالايدىكەن.
    1. ياخشىچاق بولۇشقا ماھىرلار
     چىرايلىق گەپ ھەممە ئادەمنىڭ قۇلىقىغا خۇش ياقىدۇ. سەت گەپ يامان يامان گەپ ھەممە كىشىنىڭ ئەرۋاھىنى ئۇچۇرىدۇ. ئادەتتە، ئەر باشلىقلار ئادەتتە گەپ-سۆزگە دىققەت قىلمايدىغان، باشقىلارغا بىئەدەپ مۇئامىلە قىلىدىغان، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان ئاياللارنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. يەنە ئاندا-ساندا قارشىلىق بىلدۈرۈپ قويىدىغان، توختىماي مەلۇم نەرسە توغرىلىق مەسلىھەت سورايدىغان، دائىم بىر خىل غەمكىن  ياكى ھېچنېمە بولمىغاندەك يۈرۈپ، شىركەتتە ئايرىم بولۇۋالىدىغان ئاياللارمۇ ئەر باشلىقلارنىڭ كۆزىگە سىغمايدىكەن.
    2. باشقىلارنى چۈشىنىشكە ماھىرلار
     ئادەتتە باشلىقلار قول ئاستىدىكىلەرنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارغا ناھايىتى ئەھمىيەت بىلەن قارايدۇ. چۈشىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسا، خىزمەت ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئايال كاتىپ ۋە ئايال ياردەمچى قاتارلىقلارغا قويۇلىدىغان چۈشىنىش ئىقتىدارى تەلىپى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان ۋە مەسئۇل بولىدىغان خىزمەتنىڭ ۋەزنى ناھايىتى ئېغىر ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر چۈشىنىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپ، دائىم تاپشۇرغان ئىشلارنى بىخۇدلۇق بىلەن قىلغاندا، تەلەپ ئورۇنلانمايلا قالماستىن، ئەر باشلىقلارنىڭ نەزىرىدىن ئاسانلا چۈشۈپ قىلىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، سىزنىڭ باشقا جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىڭىز ھېچنېمىگە دال بولالماي قالىدۇ. ئەر باشلىقلارنىڭ ھەممىسى ئايال ياردەمچى خادىم تەكلىپ قىلغاندا قارشى تەرەپنى ناھايىتى ئەتراپلىق كۆزىتىدۇ. ئۇلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەگەر سىز شىركەت باشلىقلىرىغا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن يۈز تۇرانە ئىمتىھانلارغا قاتناشقاندا، تاققا-تۇققا، داڭقان پۇتى گەپ قىلىپ، ئازراق كەتكۈزۈپ قويسىڭىز،  ئىشىك سىرتىدا قالىدىغانلىقىڭىز تۇرغانلا گەپ. شۇڭلاشقا، سىزدە باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى ھېس قىلالىغۇدەك پاراسەت ۋە دىت بولۇشى كېرەك.
    3.كۈچ-مادارى تولۇپ تاشقان، زېھنىي ئوچۇقلار
     نۇرغۇن باشلىقلار ئادەتتە، قول ئاستىدىكى ياردەمچىسىنىڭ ناھايىتى زېھنىي ئوچۇق، چېچەن بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇكى، ھەرگىزمۇ <<بۈگۈن زۇكامداپ قالدىم، ئەتە قىزىپ قالدىم، ئۆگۈن توي بار ئىدى>> دەپ باھانە كۆرسىتىدىغان، مېشچان، خىزمەت قىزغىنلىقى تۆۋەن ئاياللارنى بولسا ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. ھە دېسىلا، يوقلاڭ باھانە بىلەن رۇخسەت سوراشقا ئامراق، تېخى تۇيۇقسىزلا يوقاپ كېتىدىغانلار بولسا، ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ھەر ھالدا ھەممە ئىش ئۆزىنىڭ يولىدا بولغىنى ياخشى. ئەر باشلىقلار ئۆزىگە ئايال ياردەمچى تاللىغاندا، قارشى تەرەپنىڭ روھىي قۇۋۋىتىنىڭ ئۇرغۇپ تاشقان، خىزمەت قىزغىنلىقى يۇقىرى، قىيىنچىلىق ئالدىدا تەمتىرەپ قالمايدىغان بولۇشىنى مۇھىم شەرت قىلىدۇ. ئەمما قارايدىغان بولساق، بەزى شىركەتلەردىكى باش لېدىرلارنىڭ ئايال ياردەمچىلىرى بىر -بىردىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە مېشچان، باھانىۋاز، ھېلى جېنى چىقىپ كېتىدىغاندەك روھسىز كۆرۈنىدۇ. بۇنداق ئاياللار ئېنىقكى بۇ خىل زىل ئەمما قېيىن خىزمەتنى قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ. ئۇلار دەسلەپتە، ئەپلەپ-سەپلەپلا خىزمەت ئورنىغا كىرىۋالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۇزۇنغا قالماي خىزمەتتىن توختىتىلىدۇ.
    4. يۈرۈش-تۈرۈشى ناھايىتى رەتلىكلەر
     ئەلۋەتتە، ئەر باشلىقلار قول ئاستىدىكى ئايال ياردەمچىسىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرىغا بەك دىققەت قىلىدۇ. چۈنكى ئايال ياردەمچى كۆپ ھاللاردا باش لېدىر بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىدۇ ياكى ئۇنىڭ بىلەن سودا ئىشلىرى ۋە باشقا ئىشلار توغرىلىق تۈرلۈك ئاممىۋى سورۇنلارغا بارىدۇ. دېمەك، ئۇ باش لېدىرنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقى ئۈچۈنلا شىركەتنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنىڭ قانداق بولۇشى ئاخىرىدا شىركەت ئابرۇيىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەر باشلىقلار ئايال ياردەمچىسىنىڭ كىيىنىشى، قانداق ئەتىر ئىشىتىدىغانلىقى، گەپ-سۆز، ئولتۇرۇش قىياپىتى، چىراي ئىپادىسى ... قاتارلىقلارغا ناھايىتى دىققەت قىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئاياللار خاتا ھالدا<< ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى چىرايلىق، تولغان ئاياللارنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭلاشقا ياسىنىپ، گىرىم قىلىشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك>> دەپ قاراپ ئادەتتىكى خىزمەتكىمۇ بەدىنىنىڭ ھەممە يېرى مانا مەن دەپ چىقىپ چاندۇرۇپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ، باشلىقنىڭ مەيلىنى تارتماقچى بولىدۇ. ئېنىقكى، يۈرۈش-تۈرۈشى ئاددىي، سىپايە، باشقىلارغا ئىللىق كۈلۈمسىرەيدىغان ئەمما پۈتۈن ئىشخانىنى بېشىغا كىيىپ قاقاقلاپ كەتمەيدىغان، باشقىلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىدىغان، ئەدەپلىك ئاياللار باشلىقلارنىڭلا ئەمەس، ھەممە ئەرلەرنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالالايدۇ. دەل مۇشۇنداق ئاياللار شىركەتتە بولسا، باش لېدىرنىڭ ئەتىۋارلىق خادىمىغا ئايلىنىدۇ.
    5. تەبىئىي تالانتلىقلار
     ئادەتتە، باش لېدىرلار ئايال ياردەمچىلىرىنى تاللىغاندا چوڭ جەھەتتىن مۇنداق ئۈچ تەرەپكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇنىڭ بىرىنچىسى، ھەقىقەتەن چىرايلىق بولۇش. بۇنداق بولغاندا، تۇنجى قېتىمدىلا باش لېدىرنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنداق خادىملارنى ئىستىلى چاتاق باش لېدىرلار ئالدى بىلەن ياردەمچى قىلىشنى تاللايدۇ. ئىككىنچىسى بولسا، دېگەندەك چىرايلىق ئەمەس لېكىن زېرەك، چاققان بولۇش. بۇ خىلىدىكىلەر گەرچە چىرايلىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئىشنى ۋاقتىدا جايىدا بېجىرىشكە ماھىر بولغانلىقى ئۈچۈن، يەنىلا كۆپ قىسىم باش لېدىرلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئۈچىنچى خىلىدىكىلىرى بولسا ئەلەمدىمۇ قەلەمدىمۇ كامالەتكە يەتكەنلەر بولۇپ، بۇلار ھەممە باشلىقلارنىڭ تاللىشىپ ياردەمچىلىككە تەكلىپ قىلىدىغان ئوبيېكتى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇلار ئالدىنقى ھەر ئىككى خىلىدىكىلەرنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، ھەم گۈزەل ھەم تالانتلىقلاردۇر. كۆپ قىسىم ئەر باشلىقلار قول ئاستىدىكى ئايال خادىملارنىڭ گۈزەل ھەم ئىجادىي تەپەككۇرغا ئىگە، خىزمەت ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ خىل تىپتىكى ئاياللارنىڭ خىزمەت تاپمىقى بولۇپمۇ شىركەتلەردىكى غوللۇق ئورۇنغا مەسئۇل بولمىقى ئۇنچە تەسكە توختىمايدۇ. ئەگەر سىز (ئايال)بۇ ئىككىسىنىڭ ھېچقايسىسى بولمىسا، ئۇنداقتا خۇدانىڭ ئۇرغىنى شۇ !
    6. چىۋەر ئايال، ياخىشى ئانا تىپىدىكىلەر
    بۇنداق ئايالدىن ئىشخانىدا كەم دېگەندە بىرى بولسىمۇ، ئىشخانىدا ئوينىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بۇنداق ئايالغا چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئەركىن-ئازادە پاراڭلىشىدۇ. چۈنكى بۇ خىلدىكى ئاياللار ناھايىتى ئەستايىدىل، ئىش قىلغاندا ئىنچىكە بىر تەرەپ قىلىدۇ. باشقىلاردىن، شارائىتتىن ئاغرىنمايدۇ، قىسقىسى ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى تېپىپ قىلىدۇ. بۇنداق ئاياللار ھەممە باشلىقلارنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.
    7. ئاچكۆز، قارام تىپىدىكىلەر
    بۇ توغرسىدا نېمە دېسەك بولار، يەنىلا بۇخىل ئاياللارنىڭ پىسخىكىسدىن گەپ باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە، كۆپ قىسىم ئەر باشلىقلار مۇشۇ خىلدىكى ئاياللارنى ياقتۇرىدۇ.چۈنكى بۇ خىل ئاياللار ئۆزىنى كۈچەيتىشكە ماھىر، تىرىشچان كېلىدۇ. كۆپ ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ قارىشىدا چىڭ تۇرالايدۇ. بۇلار ئۆز خىزمەت ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ئۈچۈن، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمايدۇ. ئۇلارنىڭ مۇشۇ تەرىپى ھالىقىلىق رول ئوينىغاچقا، ئۇلار تېخى باشلىقىنىڭ خىزمەت ئورنى، ئۆيى، مال-مۈلكىگىمۇ كۆز قىزارتىپ ئۈلگۈرىدۇ.
    خۇلاسە: ئەگەر سىز بىرىنچى قېتىم خىزمەتكە قاتناشقان بولسىڭىز، جەزمەن يۇقىرىدىكىلەر ئىچىدە تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغانلىرىڭىزنى بۇ ش ۋاقىتلىرىڭىزدىن پايدىلىنىپ تولۇقلاڭ، ئۆزگەرتىڭ، بەزى ناچار ئادەتلىرىڭىزىدىن ۋاز كېچىڭ. تېخىمۇ مۇكەممەل ئايال، مۇنەۋۋەر خىزمەتچى، قابىل باشلامچى بولۇشقا تىرىشىڭ. باشقىلاردا بار ئارتۇقچىلىقلار سىزدە بولۇشتىن سىرت يەنە باشقىلاردا يوق ئارتۇقچىلىقلارمۇ سىزدە بولسۇن. خاسلىققا ئىگە ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئەرلەرنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالالايدۇ.

             كۆرۈلۈشى:972     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-2-26 17:05:50يوللىغۇچى ئەزا:xirinim

        
    بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

    ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
    سىرلىقلىقىڭىزنى..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
    چاچ چۈشۈشنى كەلت..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
    ھەددىدىن زىيادە ..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
    سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
    مېۋە پوستى بىلەن..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
    دۇنيادىكى ئەڭ تو..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
    ئاياللارنىڭ جورا..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
    «ئەر-خوتۇنلار ئو..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
    ئەر -ئاياللار ھەق..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
    ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
    تەنھالىق ئىنسانغ..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
    ساپما كەشنىڭ زىي..

    ئالدىنقى ماقالە:ئەر-ئاياللار ۋە مۇھەببەت توغرىسىدا
    كېيىنكى ماقالە:ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان ئەقلىيە سۆزلەر
    { كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
     
    بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

    شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号