ئىپپەت –ھايا تەربىيىلىك ئايالنىڭ دائىملىق ئادىتى بولۇش لازىم.ئۇ ئاياللارنى ئەرلەرگە سۈيۈملۈك كۆرسەتكۈچى سەۋەبلەرنىڭ ئاساسلىقى.
ئايالنىڭ ئەدەپسىز يۈرۈش تۇرۇشى ۋە ھاياسىز قىلىق ھەرىكەتلىرىگە غورۇرلۇق ئەرنىڭ ھېچقاندىقى رازى بولمايدۇ.ئايالى ھەر قانچە گۈزەل بولسىمۇ،ئۇنىڭ بىنۇمۇس ۋە ھاياسىزلىقىنى بىلگەن ئەرنىڭ شۇئان كۆڭلى سوۋۇيدۇ.ئەردە بۇنداق ئايالغا قارىتا،مۇھەببەت ئورنىغا نەپرەت پەيدا بولىدۇ.
ھاياسىزلىق ۋە نۇمۇسسىزلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ھېچقاچان كىشىلەر تەرىپىدىن كەچۈرىلمەيدىغان قەبىھ ھەرىكەت .شۇنىڭ ئۈچۈن تەربىيىلىك ئايال بىر تەرەپتىن ئەرنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەش ،يەنە بىر تەرەپتىن ئاللانىڭ غەزىپىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن،نۇمۇسىسزلىق ۋە ھاياسىزلىقتىن يىراق بولۇشى لازىم.ھايالىق كىشى قانچىلىك پېقىر بولسىمۇ،كىشىلەرئالدىدا ھۆرمەتلىك بولىدۇ.ئەكسىچە ،ھاياسىز كىشىلەر قانچىلىك باي بولسىمۇ ،كىشىلەر ئالدىدا ھۆرمەت ئېتىبارى بولمايدۇ.ھايانىڭ يىلتىزى جان ۋە تەندە ،شاخلىرى بولسا يورۇق دۇنيادا .بۇ شاخلارغا يىپىشقان زات ئەلۋەتتە يىلتىزىغىمۇ ئۇلىشالايدۇ.ئايالنىڭ يۈزىدە كۆرۈنگەن شەرم ھايانىڭ ئىپادىسى بولغان قىزىللىق ئەرنىڭ كۆڭلىگە چاقماقتەك تېز ۋە بەخىتلىك تەسىر قىلىپ،مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىنى چاچىدۇ.
سۆز توشۇش،غەيۋەت ۋە يالغان سۆزلەشتەك بۇزۇق خۇلۇقمىجەزلەر قەبىھ ھاياسىزلىقتۇر.تەربىيىلىك ئايال كىشىلەر ئارىسىدا سۆز توشۇمايدۇ.غەيۋەت قىلمايدۇ ۋە يالغان گەپ قىلمايدۇ.ئەگەر يالغان گەپ –سۆزلەر ئۇلار تەرپىدىن ئېرىگە ئېيتىلسا ،ئۇنىڭ يامانلىقى تېخىمۇ ئارتۇق بولىدۇ.
ئېرىگە يالغان سۆزلىگەن ئايال دۇنيادا ئەڭ بۇزۇق ۋە تەربىيىسىز دەپ قارىلىدۇ.غورۇرلۇق كىشىلەر يالغانچى ئاياللارنى خوتۇنلۇققا ئەمەس ھەتتا ئائىلە خىزمەتكارلىقىغىمۇ ئالمايدۇ.ئاشۇنداق سۆزى قەبىھ كىشىلەر بىلەن ئورۇنسىز تىللىشىپ،كىشىلەرنى قارغاپ،كىشىلەرگە لەنەت –نەپرەت ئوقۇپ،كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىش ،تەككەببۇرلۇق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ناچار ئىشلار بىلەن شۇغىللىنىش تەربىيىلىك ئايالنىڭ ئىشى ئەمەس .
دېمەك،ئىپپەت –ھايا ئاياللارنىڭ ئاساسلىق مەنىۋى گۈزەللىكى .ئاياللارنىڭ ھەر قانچە ئۈستۈن تاشقى گۈزەللىكىنىمۇ ئۇنىڭغا تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ.چىراي ھەر قانچە گۈزەل بولسىمۇ،ھايا ۋە ئىپپىتى بولمىسا،بۇنداق ئايالدىن ئېرى ۋە باشقا يېقىنلىرى نەپرەتلىنىپ تېز ئارىدا زېرىكىدۇ.