بەزى ئاياللار :‹‹شەخسىيەتچىلىك قىلماي،چوڭ سۈپەت بولۇپ ،چىرايلىقراق ياسانساملا چوقۇم سۆيۈملۈك ئاياللاردىن بولالايمەن ،ئەرلەرنىمۇ جەلىپ قىلالايمەن.››دەپ ئويلايدۇ.ئەمەلىيەتتە ،ئەرلەرنى ئاياللارنىڭ نازاكەتلىكى جەلىپ قىلغاندىن باشقا ،ھازىرقى زامانغا خاس جاسارىتىمۇ جەلىپ قىلالايدۇ.
1.ئىقتىدار ئاياللارنى سۈيۈملۈك قىلىپ كۆرسىتىدىغان بىر تەرەپ
.بەزى قىزلار مەلۇم ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانسا ئەرلەرگە تەھدىت بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ،ئۆزىنى تۆۋەن چاغلاش تۇيغۇسىدا بولىدۇ.ئەمما تەتقىقاتلار ئەرلەرنىڭ ئىقتىدارلىق ئاياللارغا تېخىمۇ قايىل بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.چۈنكى ئەر ئۈچۈنلا ياشايدىغان ئايال قارشى تەرەپتىن ئۆزىگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاتا قىلىشىنى كۈتىدۇ.بۇ،ئەرنىڭ ئۇنىڭ ھالىدىن ئۆمۈر بويى خەۋەر ئېلىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.ئەمەلىيەتتە ،ھېچقانداق ئەر بۇنداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ.ئەكسىچە ،مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشقا مادارى يەتمىگەن چاغدا ،قەيسەرلىك بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ،ئائىلىنڭ تۈۋرۈكى بولالايدىغان ئايالنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيدۇ.شۇڭلاشقا ،ئاياللار ھەرگىز كەسىپ بىلەن مۇھەببەتنىڭ بىرىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ،يەنە بىرىگە سەل قارىماسلىقى كېرەك.
2.ئىتائەتمەن ئاياللار سۈيۈملۈك بولماستىن بەلكى قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە ئاياللار سۈيۈملۈكتۇر.ئائىلىدە پەقەت ئىشلەشنىلا بىلىدىغان ،ئەرنىڭ قولىدىكى تاماكىنىڭ قالدۇقى يەرگە چۈشكەن ھامان يۈگرۈپ بېرىپ تېرىۋالدىغان ئاياللار باشقىلارنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەلمەيدۇ.ئەكسىچە باشقىلارغا بىچارە ئىكەن دىگەن تۇيغۇنى بېرىدۇ.بۇ خىلدىكى ئاياللار گەرچە ئۆي ئىشلىرىغا پىششىق بولسىمۇ ،لىكىن ئەرلەر ئۇلارنى ياخشى كۆرۈشنىڭ نىشانى دەپ قارىمايدۇ.
3.خۇشخۇي ،يۇمۇرىستىك ئايال سۈيۈملۈك ئايال بولىدۇ.بۇنداق ئاياللار ئالدىغا ئۇچۇرىغان مەسىلىلەرنى يىڭىپ ماڭىدۇ.ئەمما نۇرغۇن ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى تەشۋىشلىنىش،غەم يېيىشكە سەرىپ قىلىۋېتىدۇ.بۇنداق ئاياللاردا باشقىلارنى جەلىپ قىلىش كۈچى كەمچىل بولىدۇ.
4.مەسىلە كۆرۈلگەندە ئېتىراپ قىلىدىغان ھەمدە ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئاكتىپ ئىزدىنىدىغان ئايال سۈيۈملۈك ئايال بولىدۇ.بۇنداق ئاياللار بېشىغا كۈن چۈشكەندە خۇدادىن ياكى باشقىلاردىن ئاغرىنىپ ئولتۇرمايدۇ.شۇنىڭدەك مۈشكۈل شارائىتلاردىمۇ مۇھەببەتنى ئىپادىلەيدىغان بىرەرئېغىز سۆز ياكى قارشى تەرەپنى رىغبەتلەندۈرىدىغان بىرەر ھەرىكەت ئارقىلىق قارشى تەرەپنى مىننەتدارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈرۈشنى بىلىدۇ.
5.بىر سۆيۈملۈك ئايالدا ئائىلىدە يىڭى كەيپىيات يارىتىش قابىلىيىتى بولىدۇ.مەسىلەن:ئېرى قايتىپ كىلىشتىن ئىلگىرى ئۆي ئىچىنى پاكىز سەرەمجانلاشتۇرۇپ،ئېرىنى يىنىكلىك ھېس قىلدۇرىدۇ،كەچلىك تاماقنى دائىم ئۆيدە يەيدىغان ئادەتنى ئۆزگەرتىپ،ئېرى ۋە بالىلىرىنى يىقىن ئەتىراپتىكى ئاشخانىلارغا باشلاپ بېرىپ غىزالاندۇرىدۇ ياكى مەلۇم مەزگىلدە بىر قېتىم چېچىنىڭ پاسونىنى ئۆزگەرتىدۇ.يىغىپ ئېيتقاندا ،تەسەۋۋۇرغا باي ،يىڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىىگە ئايال ئۆيدە مىسسىلداپ يۈرىدىغان ئايالدىن كۆپ سۈيۈملۈك.
6.ئاددىي ۋە تەبىئي ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئايال سۆيۈملۈك ئايال بولىدۇ.چەتئەللىك بىر يازغۇچى:‹‹سۈيۈملۈك ئايال ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىك تەرەپلىرىنى ،ئەپۇ قىلىشىنى بىلىدىغان ئايالدۇر››دېگەن ئىكەن.