1. ئەرنىڭ « سۆيگىنى » بولۇش كېرەك :
ئايال بولغۇچى مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىلدىكىدەكلا ئۆزىنى رەتلىك تۇتۇپ تۈزەشتۈرۈپ ، ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ئەرنىڭ مۇھەببىتىنى ئاشۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك ، شۇندىلا ئەر خوتۇننى مەڭگۈ سۆيگىنى قاتارىدا كۆرىدۇ ، ھەرگىزمۇ ئاشپەز ياكى بالا باققۇچى قاتارىدا كۆرمەيدۇ .
2. ئەرنىڭ « دوستى » بولۇش كېرەك :
ئايال ئەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئۆز ئارا چىن كۆڭلىدىن سۆزلىشەلەيدىغان دوستى بولۇشى كېرەك .
3. ئەرنىڭ « كەسىپداش » ى بولۇش كېرەك :
بىر بىرىگە ئىلھام بېرىش ، جاپانىمۇ ، ھالاۋەتنىمۇ تەڭ كۆرۈش ، ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇش كېرەك .
4. ئەرنىڭ « ئانىسى » بولۇش كېرەك :
ئانا مېھرىبان كېلىدۇ . پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنىدۇ ، ئەر بولغۇچىمۇ ئوخشاشلا خوتۇنىنىڭ ئانىدەك مېھرىبانلىقىغا ۋە مېھىر - شەپقىتىگە مۇھتاج.