تەربىيىلىك ئاياللار چوڭ ياكى كىچىك بولسىمۇ،ئۆز ئېرىنىڭ سىرىنى باشقىلارغا پاش قىلىشتىن ،سۆزلەپ يۈرىشتىن ساقلىنىدۇ.
سىرى پاش بولغان كىشى كۆپ مۇشەققەتلەر بىلەن مۇرادىغا يېتىدۇ.بەلكى بالدۇر يېتەلمەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ،سىرىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش زىيانلا كەلتۈرىدۇ.سىرنىڭ ساندۇقى كۆڭۈ ل،ئاچقۇچى تىلدۇر .ساندۇقنىڭ ئاچقۇچىنى ياخشى ساقلىمىغان كىشى شەكىسز چوڭ ئەخمەق.ھالبۇكى سىر ساقلىمىغانلىق شەرىئەت قانونىدىن چوڭ گۇناھ.
دېمەك ،ئەرنىڭ سىرىنى بىلىپ،ئۇنى ياخشى ساقلىماي ،بەلكى ياتلارغا پاش قىلغۇچى ئايال ھەم ئېرىگە ،ھەم سەرىئەتكە خىيانەت قىلغان بولىدۇ.ئۆزىنىڭ سىرىنى ساقلىماي،ئىككىنىچى بىز كىشىگە سۆزلەپ<<سىزگىلا دېدىم،باشقىلارغا پەقەت ئېيتماڭ>>دېگەن كىشى دۇنيادىكى ئىككى ئەخمەقنىڭ بىرسىدۇر.چۈنكى ئۆز سىرىنى ساقلاشقا كۈچى يەتمەي سۆزلىگەن بولسا ،ئۇنى ئاڭلىغان كىشى قانداق ساقلىسۇن؟كونىلار<<كىشىلەرنىڭ 100لېگەن ئالتۇننى ساقلاشتىن بىر ئىغىز سۆزىنى ساقلاش تەس>>دېگەن ئىكەن.سىر ساقلىيالماسلىقى مەلۇم بولغان كىشىلەرگە باشقىلار ئىشەنمەيدۇ.بۇنداقلارنىڭ خەلق ئارىسىدىمۇ ئىناۋىتى قالمايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ئېرىنڭ سىرىنى ياخشى ساقلىمىغان ئايال ياخشى ئايال بولۇشقا لايىق ئەمەستۇر.
ئەگەر بىر ئەر ئايالىنىڭ بۇ يامان ئادىتىنى سېزىپ <<ئۇنىڭغا سىرىنى بىلدۈرگىلى بولمايدىكەن >>دەپ دۈشمەنلىرىدىن سىر ساقلىغاندەك،ئۆز سىرىنى ئايالىدىن سىر ساقلاپ يۈرسە ،ئۇلارنىڭ دۇنيادا ئەر-خوتۇن بولۇپ ياشىشىدىن قانداق لەززەت ۋە راھەت بولسۇن؟!سىر ساقلىغۇچى ئايالغا ئېرىنىڭ مۇھەببىتى كۈنسېرى ئېشىپ بارىدۇ.شۇڭا ،ئېرىنىڭ سىرىنى ياخشى ساقلاش تەربىيىلىك ئايالنىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرۇچلىرىدىن بىرى.