Article Center - ماقالە مەركىزى - ئىلىم ۋە ئايال
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ ياسىنىشقا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى ئاياللارنىڭكىدىن كۆپكەن
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مۇستەقىل كۆز قارىشى يوق «ئېمىزگىلىك»يىگىت مۇھەببىتىدىن ئايرىلىش خەۋوىگە دۈچ كەلدى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيلىك ئايال چاچ بويىقىنى ئىشلىتىپ ھۇشىدىن كېتىپ، ھازىرغىچە ھۇشىغا كەلمىدى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


ئىلىم ۋە ئايال

ئاياللار ئىلىملىك بولىشى كېرەك.بۇنى ئىنكار قىلىدىغان بىرەر مۇسۇلمان بولمىسا كېرەك.يەنە ئاياللار تەربىيە كۆرگەن بولىشى لازىم.ئىلىملىك بولمىغان كىشى تەربىيە ئۇسۇلىدىن ئەلۋەتتە مەھرۇم بولىدۇ.ئەڭ تۆۋەن خىزمەت سانالمىش مال بېقىش ئۈچۈنمۇ بەزى نەرسىلەرنى بىلىش كېرەك بولىدۇ.شۇنداقتىمۇ بالىلىرىمىزنى تەربىيىلىگۈچى ئانىلىرىمىزبىر قىسىم نەرسىلەرنى بىلىشتىن يىراق .ئەلۋەتتە،بالىلىرىمىز قەدىر –قىممەت جەھەتتە تۆت پۇتلۇق ھايۋانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

   ئاتا-ئانىلارنىڭ ياخشى –يامان ئادەتلىرىگە تەقلىد قىلغۇچى بالىلارنىڭ ئانىلىرى نادان بولسا ،بالىلىرىغا بىلىم ،مۇھەببەت ۋە ئەخلاق دەرىسلىرىنى ،ھەربىر مۆئمىننىڭ بىلىشى لازىم بولغان نەرسىلەرنى كىم ئۈگىتىدۇ؟ئاتىلار قانچىكى ،ەلۇماتلىق بولسىمۇ بالىلىرىنى تەربىيلەشكەيېتىشەلمەيدۇ..مەكتەپ مۇئەللىملىرى بالىلارغا ئوقۇتۇش ۋە يېزىشىنى ئۆگتسىمۇ ئانىلار ئۆگىتىدىغان مىجەز خۇلۇق توغرىسىدىكى نەرسىلەرنى ئۆگىتەلمەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن، بالا تەربىيىسى ھەققىدە بولىدىغان خىزمەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭى ئانىلارنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ.

  بالىلار خۇددى يىڭى تالنىڭ نوتىسىدەك ھەر تۈرلۈك تەربىيىگە ماسلىشىشچان كېلىدۇ.ئەگەر ئايال ئىلىمسىز بولسا ،ئۇلارنى قانداق تەربىيىلەيدۇ؟بىر مەملىكەتنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ تەدبىر كېرەك.ئائىلىنى ئىدارە قىلىش ئۇنىڭدىن يەڭىگىل ئەمەس .شۇنىڭ ئۈچۈن.،ئاياللار ئىلىملىك بولۇشى زۆرۈر.لېكىن ،ئىلىم كۆپ،ئۆمۈر قىسقا بولغانلىقتىن ،بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلەشمۇ مۇمكىن بولمايدۇ.شۇ سەۋەپتىن ،ئاياللار ئانا ھەم ئايال بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنى ئۆگىنىش كېرەك.

   ئېنژىنىر بولىدىغان ئادەم گېئومېتىرىيە ئىلىمىنى ،سائەتچى بولىدىغان ئادەم سائەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىلىمنى ،تېلېگىرافچى بولىدىغان ئادەم تېلىگىراف ئىلىمىنى بىلىشكە مەجبۇر بولغىنىغا ئوخشاش ئانا ھەم ئايال بولىدىغان كىشىمۇ ئۆز ئۈستىگە يۈكلىنىدىغان خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنى بىلىشكە مەجبۇردۇر.مۇشۇنىڭغا ئاساسەن مۇسۇلمان ئاياللىرى ئۈچۈن مەنتىق،پەلسەپە ۋە چەتئەل تىللىرىنى ئىگىلەشتىن ئاۋۋال ئەخلاق ،ئەدەپ-قائىدە ،ئۆي ئىچىدە بولىدىغان تەرتىپلەر ،ئوقۇش،يېزىش ۋە ئۆي تۇتۇش ،ئائىلىنى ئىدارە قىلىش ئىلىملىرىنى بىلىشى كېرەك بولىدۇ.

  دۇرۇس ،ئىتىقاد ۋە زۆرۈر قائىدىلەر بۇزۇق خۇلۇقنىڭ داغلىرىنى يۇيىدۇ.بۇنىڭغا(دۇرۇس ئېتىقاد ۋە قائىدىلەرگە) ئەمەل قىلغان كىشىلەر ئۇلۇغۋارلىق كۆڭلىكىنى كىيىدۇ.سەۋىر ئۈنچىلىرى بىلەن تىكىلگەن رازىلىق قالپىقىنى بېشىغا كىيىدۇ.قانائەت سىرغىلىرىنى قۇلاقلىرىغا ئېسىپ،پۇختىلىق بىلەن ئىتائەت ئۈزۈكلىرىنى بارماقلىرىغا تاقاپ ،بالىلار تەربىيىسى ھەم ئۆي خىزمەتلىرىنى ئەتىرگۈلدەك بېزەپ سائادەتكە ئېرىشىدۇ.بۇنداق ئايالنىڭ يېنىدا رۇچلىد(18-ئەسىردە ئۆتكەن چوڭ بانكىر)نڭ بايلىقى ھەم مىسىرنىڭ ۋالىيسى يىپ ئېشەلمەيدۇ.

    ئەخلاق ئىلمى ئاياللار ئۈچۈن ھەممىدىن زۆرۈر .ئەگەر ئاياللار گۈزەل خۇلۇقلۇق بولسا،پۈتكۈل ئائىلىنىڭ راھىتىدۇر.ئەگەر ئەخلاقسىز بولسا ،پۈتكۈل ئائىلىنى خاراپ قىلغۇچىدۇر.ئاياللار تەۋرىسە ،ئۇنىڭ سەۋەبىدىن ئۆيلەر ۋە شەھەرلەر ۋەيران بولىدۇ.ئاياللار كۈچىسە ،شەھەرلەرنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ.

    ئاش ،پىشۇرۇش ،كىيىم تىكىش ،ئائىلە تەربىيىسى ۋە قول ھۈنەرلىرىنى بىلىش ئاياللار ئۈچۈن كامالەت ھېساپلىنىدۇ.كونىلار :<<ھۈنەر بىچارىلىكتىن ساقلايدۇ>>دەيدۇ.ئەگەر بىر ھۈنەرلىك ئايال ئېرىدىن تۇل قېلىپ بالىلىرى يىتىم بولسا ،ئېغىر كۈنلەردىمۇ ئۆزىنىڭ ھۈنىرى سايىسىدا كوچىدا قالمايدۇ.ئائىلە باشلىقى بولغان ئايال قول ھۈنىرىنى بىلسە ،ئۆينىڭ بايلىقى يڭى يەرگە سەرىپ بولمايدۇ.ئەرمۇ ئېھتىياجى بولغان نەرسىلەرنى تىكدۈرۈش ۋە يامىتىش ئۈچۈن يات كىشىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىشقا مۇھتاج بولمايدۇ.بۇ ئاياللار ئۈچۈنمۇ ياخشى ئىشتۇر .قول ھۈنىرىدىن مەھرۇم بولغان ئايال ئۆمرىنى قانداق ئۆتكۈزىدۇ؟ئۇخلاش ۋە بوشاڭلىق بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزۈش ياكى ئىشسىز قېلىش ناھايىتى مۈشكۈل،مۇشەققەتكى ،بۇنداق ئازاپ دۇنيادا يوق .ھالبۇكى ئىشلەش قاننىڭ يۈرۈشۈشىگە ،تەننىڭ سالامەتلىكىگە ،يېيىش –ئىچىشنىڭ ،ئۇيقۇنىڭ لەززەتلىك بولۇشىغا پايدىلىق .

   ئايالنىڭ ئۆز ئېرىنى خوشال قىلىدىغان ۋاقتىنىڭ قانداق ۋاقىت ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ بۇ شۇنداق ۋاقىتكى ،ئايالنىڭ ئوچۇق چىراي بىلەن بالىلىرىغا ئەدەپ –ئەخلاق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپ تۇرغان ياكى ئولتۇرۇپ قول ئىشى قىلىۋاتقان ۋاقىتىدۇر.شۇ سەۋەپتىن ئۆينى ئىدارە قىلىش ئىلمى ئاياللار كېرەكلىك بىلىمدۇر.ئۆينى ئىدارە قىلىش ئىلمىنى بىلىپ شۇنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن مەشغۇل بولۇش –ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى بۇزۇق پىكىرلەردىن ،ئىسراپچىلىق قىلىپ ياسىنىش كەبى ئىللەتلەردىن پاكلايدۇ.ئېرىنىڭ نەزىرىدە ھۆرمىتىنى ،بالىلىرىنىڭ ئالدىدا مەرتىۋىسىنى ئاشۇرىدۇ.خۇلقىنى تۈزىتىدۇ.

   كىتاب خىلىۋەتتىكى سىرداش ،يالغۇزلۇقتا دوسىت ،ھەسىرەتلەرگە بەرھەم بەرگۈچىدۇر.ئۇ كۆڭۈللەرگە زىيا بەخىش ئېتىدۇ.زىياسىز دوسىت ۋە قائىدىسىز يولداش بولغان ئاياللار ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش ئەلۋەتتە پايدىلىق .ئوقۇش ئۈچۈن كىتاب تاللاش خۇددى دوسىت تاللاشتەك مەسئۇلىيەتلىك بولۇپ ،بەزى كىتابلار ناچار دوستلاردىنمۇ زىيانلىق بولىدۇ.

   نۆۋىتى كەلگەندە ،سالامەتلىك قائىدىلىرى ۋە بىمارلارنى كۈتۈش نىزاملىرىدىن ئازراق بولسىمۇ خەۋەردار بولۇش ئاياللار ئۈچۈن پايدىسىز ئەمەس.چۈنكى بىمارلارنى كۈتۈستە ئاياللارنىڭ ماھارىتى ئەرلەردىن ئارتۇق بولىدۇ.بولۇپمۇ بالىلار ئاغرىپ قالسا ،ئانىلارنىڭ پۈتكۈل زىكىرى ئۇلاردا بولۇپ ،ھەتتا ئۆزىنىمۇ ئۇنتۇيدۇ،ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈرلۈك زەخمەتلەرنى چېكىدۇ.ساقلىقنى ساقلاش قائىدىلىرىدىن خەۋەردار بولغان ئايال بۇ ۋاقتتا بالىلىرىغا زور يادەم قىلالايدۇ.بىمارنى كۈتۈش قائىدىلىرىنى بىلىدىغان ئايال ھەربىر ئايال چالا تېۋىپلاردىن ئارتۇق ئىشلارنى قىلالايدۇ.ئۇنىڭ يۇمشاق سۆز ۋە مۇلايىم ھەرىكىتى بىمارنىڭ كۆڭلىگە راھەت بېغىشلايدۇ.سالامەتلىك قائىدىسىنى بىلگۈچى ئانىلارنىڭ يېيىش –ئىچىش ،كىيىنىشتە پايدىلىقلىرىنى زىيانلىقلىرىدىن پەرىقلەندۈرەلەيدىغانلىقى سەۋەپلىك باشقىلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ بالىلىرى سالامەت بولىدۇ.

         كۆرۈلۈشى:381     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-10-14 17:22:09يوللىغۇچى ئەزا:xirinim

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:ئىقتىسادچانلىق
كېيىنكى ماقالە:سىر ساقلىماق
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号