ئۆي ئىچىگە قارىماق،يىمەك-ئىچمەك توغرۇلۇق تەدبىر قىلماق ئاياللارنىڭ ۋەزىپىسدۇر.تەربىيىلىك ئايال ھەرقانداق ئىشتا ئىقتىسادچان بولىدۇ.ئىسراپچىلىقتىن ۋە لازىم بولىدىغان نەرسىلەرنى بىھۇدە زايە قىلىشتىن ساقلىنىدۇ.چۈنكى،دۇنيادا ياشاش ۋە بالىلىرىنى باشقىلارغا مۇھتاج قىلىپ قويماسلىق بايلىق ۋە ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك .ئۆلگەن كىشىگە كېپەن زۆرۈر بولغىنىدەك ،تىرىكلەرنىڭ ئىقتىسادقا مۇھتاج بولىشى مۇقەررەر.<<باي ھالداۋاپات بولۇپ ،ئاللانىڭ دەرگاھىدا ھېساپ بەرمەك كىشىلەرگە مۇھتاج بولغاندىن ياخشىراق>>ياكى <<دۈشمەنلىرىگە مال قالدۇرۇپ ئۆلۈش دوستلارغا مۇھتاج بولۇپ ياشىغاندىن ياخشىراق>>دېگەن سۆزلەر ناھايىتى دانىشمەن كىشىلەرنىڭ تەۋەررۈكى.خۇسۇسەن بىز شۇنداق بىر زاماندا ياشىماقتىمىز،بارلىق ئىززەت ۋە ئېتىبار بايلىقتا ،زەلىل ۋە خارلىق بولسا پېقىرلىقتىدۇر.ھالبۇكى بايلىقنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشىش ۋە قولىدا بار ئىقتىسادنى ئاسراشنى بىلىش كېرەك.ئۆي ئىچىدىكى چىقىم ۋە خىراجەتلەردىكى خىزمەتلەر ئايالنىڭ ئىلىكىدىكى ئىشلار بولغانلىقى ئۈچۈن ،ئەردىن باكرەك كۆڭۈل بۆلىشى لازىم.خۇددى ئەلگەككە بۇلاقتىن ھەرقانچە سۇ چۈشۈپ تۇرسىمۇ ھەرگىز تولمىغاندەك،ئايال ئۆي تۇتۇشنى بىلمىسە ،ئېرى ھەرقانچە كۆپ پۇل- مال تاپسىمۇ ئائىلە راۋاج تاپمايدۇ.
مەرد ۋە سېخىيلىك –ئەرلەرنىڭ ياخشى پەزىلەتى بولغان بىلەن ،ئايال ئۈچۈن ئەيبلىك ئىش دېگەن گەپ بار.ئىقتىسادنىڭ قەدىرىنى بىلگەن ئايال ھەتتا ناننىڭ ئۇۋاقلىرىنىمۇ بىھۇدە ئىسراپ قىلمايدۇ،ئوزۇق -تۈلكنى ھاجىتىدىن ئارتۇق ئىسراپ قىلمايدۇ..دۇنيادا بىر پارچە نان ۋە بىر يۇتۇم سۇغا زار بولغان تالاي ئىنسان بالىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن كۆز يۇمۇش خاتا .كېرەكلىك نەرسىلەرنى بىھۇدەئىسراپ قىلماق،ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنى باشقىلارغا قىلدۇرماق.....قاتارلىقلارئارتۇقچە ئىسراپچىلىق.ئاز ۋە كىچىك نەرسىلەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنالمىسا ،كېيىن چوڭ ۋە قىممەتلىك نەرسىلەر ھەم زايە بولۇپ كېتىدۇ.ھالبۇكى ،يۇقىردا ئېيتىلغان ئەھۋاللار ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلسا ،ئائىلىگە يىل بويى بەرىكەت ياغىدۇ.بۇنىڭدىن چۈشىنىشلىككى ئۆي تۇتۇشنى بىلىش ئايال ئۈچۈن كاتتا ھۈنەر ۋە ئۇلۇغ كەسىپ.
تەربىيىلىك ئايال بۇنى ھەرگىز ئېسىدىن چىقارمايدۇ.ئۇ<<يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن>> دېگەن ماقالغا مۇۋاپىق كىيىم كىچەك،زىبۇ زىننەت ئىشلىرىغىچە تولۇق دىققەت قىلىدۇ.دۇنيانىڭ مەنزىلى ئۇزاق،ئىقتىساد تېپىشنڭ قىيىنلىقى ئۇنىڭ ئېسىدىن ھېچقاچان ئۇنتىلمايدۇ.چۈنكى كۆرگەنلا نەرسىنى سېتىۋالماق ،كىيىم –كېچەك ،زىبۇزىننەت ۋە بايكارغا ئەگەشمەك ئىسراپچىلىق ئىشكىنى كەڭرى ئاچقانلىقتۇر.ئىىسراپچىلىق بىلەن بايلىق بىر كىشىنىڭ قولىدا مەڭگۈ بولماس.بىر قېتىم خەيرىلىشىپ ئايرىلىپ كەتكەن دۆلەت ئىككىنچى قىتىم قايتىپ كەلمەيدۇ.ئىقتىسادنى تۇتۇشنى بىلمىگەن ئايالنىڭ ئېرى تۇرمۇش يولىدا كېچە-كۈندۈز جاپا تارتسىمۇ ،بۇنداق ئائىلە ئىلگىرى باسمايدۇ.شۇ تۈپەيلى بىچارە ئەر تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە خارلىق ۋە مۇھتاجلىقتا ھالاك بولىدۇ.دۇنيادا ھېچبىر ياخشى نامى قالماي سۇغا چۈشكەن تاشتەك يوقايدۇ.مۇشۇ ھۆكۈمگە بىنائەن بۇرۇنقى زاماننىڭ ئېزگۈ ۋە تەربىيىلىك ئاياللىرى ئەرلىرىنى بۇنداق ئاقىۋەتتىن ساقلاش ئۈچۈن،ناھايىتى قانائەتچانلىق بىلەن تۇرمۇش ئۆتكۈزگەن.ئەرلىرى سەھەر تۇرۇپ ئىش-ھەرىكەتكە ماڭغان ۋاقتىدا <<ھاران ئىشقا قەدەم باسماڭ،ئاچ قالساقمۇ سەۋىر قىلىمىز،لېكىن دوزاق ئوتىدىن قورقىمىز >>دەپ ئېرىنى يولغا سالىدىكەن.
بۇ دۇنيادا بۇنداق ياخشى ئاياللار بەلكى ھازىرمۇ كۆپتۇر .ئەقلى بار كىشى ئۈچۈن،بۇنداق ياخشى ئايالغا ئېرىشمەك بىرەر ئەلگە پادىشاھ بولغاندىن ياخشىراق.ئۆزىنىڭ ئاچ –يالىڭاچ قالمىغىنمىغا شۈكۈر قىلىپ سەۋىر-قانائەت قىلغان بىر ئەقىللىق كىشىنىڭ ئايالىئېرىنىڭ تىرىشىپ –تىرمىشىپ تېپىپ كەلگەن ئىقتىسادىنى ياخشى تۇتۇشنى بىلمەي،چېچىپ –سورۇپ تۈگەتسە ياكى ئېلىپ كەلگەن كىيىم –كېچەك ۋە باشقا نەرسىلەرنى مۇۋاپىق ئىشلەتمەي بىر تەرەپكە تاشلاپ قويسا ،ياكى ئېغىر كۈنلەر ئۈچۈن ساقلاپ قويغان ئىقتىسادنى
ئېھتىياجسىز نەرسىلەرگە ياكى جاھاننىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە سەرىپ قىلىپ ،بىھۇدە زايە قىلىۋەتسە ،بۇنداق بىچارە ئەرنىڭ ھالىغا ۋاي.ئەگەر بۇنداق تەربىيىسىز ئايال ئەھساكىنى ياخشى بىلمەي ،ئېرىنىڭ نەسىھەتلىرىگە قارشى ئىش قىلسا ،بۇنداق ئايال بىلەن تۇرمۇش ئۆتكۈزمەك دوزاخقا كىرگەن بىلەن ئوخشاش.شۇڭا ،ھەربىر ئايال ...تۇرمۇش ئىشلىرىنى بىلمەك ،ئۆي تۇتۇشنى ئۈگەنمىكى لازىم.دانالار<<ئەقىللىق ۋە تەربىيىلىك ئايال بار ئۆي ھېچقاچان خاراب بولماس،تەربىيىلىك ئانىسى بولغان بالىلار ھەم يوقالماس>>دېگەن.