ئاياللاردىكى كرىزىس تۇيغۇسى
8 ياشتا: ئانىسىنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋېتىشىدىن، قوشنىسىنىڭ ئوغلىنىڭ قولىدىكى نەرسىلىرىنى تارتىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرىدۇ.
15ياشتا: قوشنا سىنىپتىكى ئۆزى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئوغۇل ساۋاقدىشىنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلماسلىقىدىن، ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ھەمدە ئانىسىنىڭ ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرىدۇ.
18ياشتا: نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەسلىكىدىن، ئۆزىنىڭ دېگەندەك چىرايلىق بولماي قېلىشىدىن، قوشنا پارتىدىكى تارتىنچاق ئوغۇل ساۋاقدىشىنىڭ بۇدرۇققىنە چىرايىنى ياقتۇرماسلىقىدىن ئەنسىرەپلا يۈرىدۇ. ھەمىشە كوچىلاردىكى 24 - 25 ياشلاردىكى مودا كىيىنىۋالغان، تولغان قىزلارغا ھەۋەس قىلىدۇ.
24 ياشتا: بۇ ياش قىزلارنىڭ زىلۋا، چىرايلىق، تولغان ھەم بارلىق ئارزۇ - ئارمانلىرى كۆپۈككە ئايلىنىدىغان مەزگىلى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا قىزلار ئۆزىنى خۇددىي قېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ ۋە 18 ياش ۋاقىتلىرىدىكى سەبىيلىكى بىلەن خۇشاللىقلىرىنى ئەسلەپ، ياتلىق بولالماسلىقىدىن ئەنسىرەپلا يۈرىدۇ.
30 ياشتا: تۇرمۇش قۇرۇپ ئېرىنىڭ ئۆزىنى تازا ياخشى كۆرمەيدىغانلىقى، بالىسىنىڭ گەپ ئاڭلىمايدىغانلىقى، فىگۇرىسىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكى، خىزمەت قىلىپ بەك چارچاپ كەتكەنلىكى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىشلاردىن ئاغرىنىپلا يۈرىدۇ ھەمدە 24 ياش ۋاقتىدىكى ياش، چىرايلىق، غەمسىز چاغلىرىنى سېغىنىپ قالىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
35 ياشتا: ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويغان چېغى بولۇپ، رەڭگى ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. بالىلىرىنىڭمۇ راۋۇرۇس «دادا، ئاپا » دەيدىغان چاغلىرى بولۇپ، زامانغا ماسلىشىپ چاچلىرىنى يېڭى پاسۇندا ياسىتىپ، تازا بىر يايرىۋالاي دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزىدۇ. بىراق ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئېرىنىڭ «ئالۋاستىنى كۆرۋاتامدىمەن نېمە»دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ، بىر بۇلۇڭغا كىرىۋېلىپ راسا يىغلايدۇ ھەمدە 30 ياش ۋاقتىدىكى تنچ، خاتىرجەم تۇرمۇشىنى سېغىنىپ قالىدۇ.
40 ياشتا: تېرىلىرى بوشاپ، بەللىرىگە ياغ تولۇپ كېتىدۇ. ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا تۇرمۇشقا باشچىلاپ كىرىپ كىتىدۇ. بالىلىرىغا سەۋەبسىزلا ۋارقىرايدۇ. خىزمەتتىنمۇ بىزار بولىدۇ. «ھەيز كېسىلىش دەۋرى» گە قەدەم قويۇپ، تۇرۇپلا ئاچچىقلىنىدىغان، مىجەزى چۇس بولۇپ قالىدۇ. 20 ياشلاردىكى قىزلار«ھەدە» دەپ چاقىرىدىغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى راستتىنلا قېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ، ئىچىگە بىر خىل قورقۇنچ كىرىۋالىدۇ. باشقا ئاياللار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا قىزىقمايدىغان، ئۆزىنى تولىمۇ يالغۇز ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. 10 نەچچە ياشلىق ئوغلى دەل مۇستەقىللىقنى، قارشىلىشىشنى ۋە ئۆز - ئۆزىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغان ۋە شۇنىڭغا قىزىقىدىغان باسقۇچتا بولغاچقا، ئۇنى باشقۇرۇپ بولالماي، كۆڭلىنى بىر خىل دىشۋارچىلىق چۇلغىۋالىدۇ. بۇ ئىلگىرى بىرگە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرى بىلەن ئاللىقاچان مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەن ۋاقىت بولغاچقا، كۈن بويى تونۇش ـ بىلىش، قولۇم - قوشنىلار بىلەن ئالاقە قىلىپ، بىر خىل بىزارلىق تۇيغۇسى ھېس قىلىدۇ.
50 ياشتا: توساتتىن ئۆمرىنىڭ يېرىمى ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەرزەنتلىرىمۇ تۇرمۇش يولىنى تېپىپ بولغان، ئۆزىمۇ، ئېرىمۇ دەم ئېلىشقا چىققان ۋاقىت بولغاچقا، كۈنلىرىنى گۈل ۋە نەۋرىلىرىنى بېقىش، ئاپتاپ سۇنۇش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنى بىردىنلا بىر كېرەكسىز ئادەم بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. كوچىدىكى بالىلارمۇ ئۇنى « موما » دەپ چاقىرىشقا باشلايدۇ. بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئەينەككە قاراپ، چاچلىرىنىڭ ئاقىرىپ، يۈزلىرىگە سىزىق - سىزىق قورۇقلارنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆزىنى تونۇيالمايلا قالىدۇ.
70 ياشتا: ئېرى ئالەمدىن ئۆتۈپ، نەۋرە كېلىنلىرىمۇ ئۇنى « موما » دەپ چاقىرىۋەرگەچكە، بىر خىل ۋەھىمە ئىچىدە قالىدۇ. شۇ ۋاقىتتىلا بىر ئايالنىڭ بۇ دۇنيادا ياشىشىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئويلىنىپ قالىدۇ.