ئەقىللىق بىر ئانا قىزىنى ئەرگە بەرگەندىن كېيىن ،تۆۋەندىكىچە نەسىھەت قىلغان ئىكەن:
-ھەي قىزىم ،بۈگۈندىن باشلاپ بىزنىڭ قولىمىزدىن كەتتىڭ ،باشقا بىر ئادەمگە يارۇ ھەمرا بولدۇڭ،سەن ئۈچۈن بەخىت ئامەت تىلىگۈچى ئاناڭ تەرىپىدىن سۆزلەنگەن ئۇشبۇ نەسىھەتلەرنى ئېسىڭدە مەھكەم تۇتقايسەن ۋە مۇمكىن بولغاندا پايدىلنارسەن.
قىزىم ئېرىڭ دۇنيا سەپىرىدە ساڭا ھەمراھ.قايغۇدا بىللە قايغۇرغۇچى،شادللىقتا بىللە شادلانغۇچى ھەمراھ بولۇش ئۈمۈدى بىلەن سېنى قوبۇل قىلدى.ئۇنىڭ ئۈمۈدىنى ئەسلا يەردە قويمىغايسەن.ئۇ ھەر ۋاقىت سەندىن رازى بولۇپ ياشىسۇن.
قىزىم،تېز كۈنلەردە ئائىلە قۇرۇشقا كىرىشىسەن.ئائىلە قۇرۇشتا ئېتىبارغا ئېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەر بار.ئېرىڭنىڭ يىقىنلىرىنى بولۇپمۇ قېيناناڭ ، قېيناتاڭنى ھۆرمەت قىل .ئۇلارنى ئۆز ئاناڭ ، ئۆ ز ئاتاڭدەك كۆر . ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆز تۇغقانلىرىڭ ھېساپلا . قېيناناڭ - قېيناتاڭنىڭ نەسىھەتلىرىگە ئەمەل قىل.مۇشۇ يىڭى تۇغقانلىرىڭنىڭ مىجەز-خۇلىقىنى بىلىۋال ۋە شۇنىڭغا قاراپ مۇئامىلە قىل،ئۇلار بىلەن يامانلىشىپ قېلىشتىن ساقلان.چۈنكى بۇنىڭ ئېغىرلىقى ئېرىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ.سەندىن ئۆتسە يىقىنلىرىڭنىڭ كۆڭلىدە قالار،ئۇلاردىن ئۆتسە سەندىن قىزغىنار ،بۇنىڭ قايغۇسى بىلەن ئېرىڭ تاماقتىنن قالار ۋە ئاخىر كېسەل بولۇپ قالار .ئەرلەر ئۆز كەسپىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن كۆڭلىنىڭ شاد،تىنىچ بولۇشىغا مۇھتاج.ئائىلىدە ئازىراق قايغۇ بولسا ،ئۇلارنىڭ كەسپىگە تەسىر يىتەر.
قىزىم ئېرىڭدىن ھېچقانداق سىرىڭنى يۇشۇرما.ئېرىڭدىن باشقا بىرىگە سىر ئېيتما ،باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىڭگە قارشى گەپ قىلما.چىرايىڭنى تۈرمە.ئەرلەر خوتۇنى تەرپىدىن بولغان ئەڭ زور كەمچىلىكلەرنى كەچۈرەلەيدۇ،ئەمما باشقىلارنىڭ
ئالدىدا ئازىراقلا نەرسىنىمۇ ئىچىگە سىغدۇرالمايدۇ،بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئتىگە خىلاپ ئىشتۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن ،بۇ ھەقتە ئۇلار ئەيىپلىك ئەمەس،ئەگەر يارىماس ئادىتى بولسا ،ئۇنى تۈزىتىش ئۈچۈن،كۆڭلىنى ئاغرىتماستىن ئىش تۇت.قىزىم ،ئېرىڭ ياقتۇرمىغان ئىشلاردىن،كۆڭلىگە كېلىدىغان ئادەتلەردىن يىراق بول.ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلما ،ئېرىڭنىىڭ مېلىنى ئاسىراپ تۇت،ئىسراپ قىلما.
قىزىم ،ئۆيۈڭ رەتلىك ،ھەر نەرسە جايىدا بولسۇن،بالىلىرىڭنى ئېرىڭگە ئامراق ،ئېرىڭنى بالىلىرىڭغا كۆيۈمچان قىلىشقا تىرىش.ئاتىلارنىڭ بالىلار بىلەن ئۆزىنى خۇش قىلىشى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك . بالىلىرىنى سۆيىدىغان ئەرلەر كۆپ ھاللاردا ئىنساپلىق بولىدۇ ۋە بالىلىرى بىلەن ئۆزىنى خۇشال قىلىپ باشقا مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرگە كۆز سالمايدۇ.
قىزىم ،بۇ ئېيتقان سۆزلىرىمنى بەجا كەلتۈرۈش ئەقىللىق ،تەدبىرلىك خوتۇنلار ئۈچۈن ئېغىر ئىش ئەمەس.ئەقىللىق خوتۇنلار كۈچلۈكلەر كۈچى بىلەنمۇ قىلالمىغان ئىشلارنى ئۆز ئەقلىگە تەيىنىپ قىلالايدۇ.قىزىم ،بەزى ۋاقىتتا ئەرلەر خوتۇنلىرىغا نىسبەتەن تۆۋەن كۆرۈش خاھىشىدا بولىدۇ.دەل شۇ چاغدا مۇشۇ ۋاقىتنى
پۇرسەت بىلىپ ئۇنىڭ ئەيىبلىرى ھەققىدە ئازراق سۆزلە.
قىزىم ،ئائىلە ھەر ۋاقىت نېمەت ئەمەس ،بەزى چاغلاردا زەھىرى ،تىكىنى بولىدۇ.ئېرىڭ بىلەن ئاراڭغا سوغۇقچىلىق چۈشسە ،ئېغر بېسىقلىق بىلەن سۆزلە،
قىزىرىشما؛چىرايىڭنى ۋە ئاۋازىڭنى ئۆزگەرتمە،ھۆرمەت قىل،ئۇ ھەر قانچە ئاچچىقلانسىمۇ قارشى سۆز قىلما.ئەڭ ياخشى خورتۇن ئەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ ،ئاچچىغىغا ھاي بەرگەن خوتۇندۇر.
قىزىم،بالاڭ بولسا ئۇلارنىڭ تېنىنى ئاسىرا ،مەكتەپكە بارغۇچە ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيە قىل،ياخشى قىلىقلارغا ئادەتلەندۈر