|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
ئۆز-ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ مەن ئۈچۈن بىرەرى بارمۇ ئۆز-ئۆزىنى سۆيۈش ئۇزۇن سەھىپىلىك تۇرمۇش رومانىنىڭ مۇقەددىمىسى. - ئوسكار ۋىلدى
ھۆرمەتلىك خانىم: مەن ھازىر ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە زور بىسىم ھېس قىلىۋاتىمەن. ھەممە قىز دوستلىرىمنىڭ ئوغۇل دوستى بار، لېكىن، مەن ھازىرغىچە ئوغۇل دوست تۇتۇپ باقمىدىم. سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتسام،ھېچقانداق بىر يىگىت مېنى ياخشى كۆرىدۇ، دەپ ئويلىمايمەن. مەن ئازراق سېمىز، شۇنداقلا مېنى چىرايلىق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، مەن بىر ئوغۇل دوستلۇق بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. دوستلىرىمغا ئوغۇللار توغرۇلۇق گەپ قىلىشتا بەك قىينىلىپ كىتىمەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ماڭا باشقىچە قاراپ قىلىشىدىن بەك ئەنسىرەيمەن. قانداق قىلسام بولار؟ -سىز بىلىسىز، مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ھېسيات بىر كىشىنىڭ يەنە بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن بولىدىغان ئىشتۇر. مېنىڭچە، سىز بۇ يەردە ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان ئىككى مۇھىم ئىش بار. بىرى، ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرۈڭ. بىلىپ تۇرۇپتىمەنكى، بۇ ئاڭلىماققا سىزگە ھەممە كىشى دەپ يۈرىدىغان سۆزدەك بىلىنىدۇ،ئەمما بىر كىشىنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشى مۇقەرەركى،يەنە بىرىگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرى، ھەممە ئادەم ئۆز كۆز قارىشى بويىچىلا باشقىلارغا ھۆكۈم چىقارسا بولمايدۇ. سىز ئۆزىڭىزگە دىققەت قىلىڭ. بولۇپمۇ ھەرىكەتتە ۋە يىمەك-ئىچمەكتە بەكرەك دىققەت قىلىڭ. شۇندىلا سىز ئۆزىڭىز توغرىسىدا بىر قەدەر ياخشى تۇيغۇغا كېلىسىز. سىزگە ماڭىمۇ قىزىقىدىغان يىگىتلەر چوقۇم بار›› دەيدىغان كۈنلەر چوقۇم كېلىدۇ. بەزىدە ئىشلار بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك بولماي قالىدۇ. بىراق يېقىن كەلگۈسىدە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن بولسۇن، سىز ئوغۇل دوستلۇق بولالايسىز. قەتئى ئەنسىرىمەڭكى، بۇ دۇنياغا يارالغان ھەرقانداق ئادەم بەزى ئالاھىدە ئەھۋالغا يولۇقمىسىلا مۇھەببەتلىك بولىدۇ. مۇھەببەت گەرچە يېنىمىزدىلا تۇرسىمۇ، ئۇ ھەقىقەتەن يېتىپ كەلگۈچە ئۇزاقراق كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. بەك بىتاقەت بولۇپ كەتمەڭ، سىز تېخى مۇھەببەت پەسلىگە كىرىپسىز، يېقىن كەلگۈسىدە گۈزەل مۇھەببەت سىزگە چوقۇم كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ. چوغدەك يۈرەك تىلەيمەن.
«بەخىتلىك بولۇڭ »ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى |
كۆرۈلۈشى:520 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-10-12 22:56:01 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|