ئىلگىركىدەك ئۇ سىزدىن:«مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟» دەپ سورىمايدۇ. چۈنكى بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆڭلى سىرتتا بولغاچقا. سىزنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈش -كۆرمەسلىكىڭىز بىلەن كارى بولمايدۇ، بەرىبىر ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ؛
ئۇ يېڭى سىېتىۋالغان كىيمىنى سىزگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىلگىركىدەك سىزدىن:«جېنىم، يارىشىپتۇمۇ؟» دەپ سورىمايدۇ. چۈنكى بۇ چاغدا ئۇنىڭ سىرتىكى ئاشىقىنىڭ ئۇنىڭ كىيىم -كىچەكلىرىگە بەرگەن باھاسى ئەڭ مۇھىم:
ئۇ سىزگە ئىلگىركىدەك كۆپ گەپ قىلىپ بەرمەيدۇ، ھەتتا سىز بىلەن جېدەللىشىىشكىمۇ رايى بارمايدۇ. چۈنكى بۇ جەرياندا ئۇنىڭ پۈتۈن خىيالى سىرتتا بولىدۇ؛
سىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەندە، ئۇ ئىلگىركىدەك ئالدىڭىزدا ياش تۆكمەيدۇ، ھەتتا ياش تۆكۈشنىمۇ خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاشىقى بىلەن ئۆتكەن ھەر بىر مىنۇت شۇنچىلىك قەدىرلىك بولۇپ، سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۆچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭىز ھېچنېىمىگە ئەرزىمەيدۇ؛
سىز ئۇنىڭ بىلەن بازارغا چىققاندا، ئۇ ئىلگىركىدەك سىزنى قولتۇقلاپ ماڭمايدۇ. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتسىز، تاشنى تاياققا تاڭغاندەك تۇيۇلىدۇ؛
ئۇنىڭ يانفونى سىز ئۈچۈن 24 سائەت ئېتىك تۇرىدۇ، سىزنىڭ ئۇنى سېغىنىپ ئەۋەتكەن ئۇچۇرلىرىڭىمۇ جاۋاپسىز قالىدۇ. چۈنكى بۇ چاغدا ئۇ سىزنى ئۇنى سېغىنغاندەك سىزنى سېغىنىشنى، سۆيۈشنى خالىمايدۇ؛
ئۇ دائىم دېگىدەك يالغۇزلۇقنى خالايدۇ، سىزنىڭ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ سىرتقا چىقىشىڭىزنى، پاراڭلىشىشىڭىزنى خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئۈچۈن يالغۇزلۇق سىرتتىكى ئاشىقى بىلەن ئۆتكەن مىنۇتلىرىنى ئەسلەيدىغان ئەڭ ياخشى پەيت؛
سىز ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىلگىركىدەك سىزگە بولغان مۇھابەتنى، مېھرىبانلىقنى تاپالمايسىز. سىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئېرىشىدىغىنىڭىز سوغۇق نەزەرلا خالاس؛
يانفۇنىڭىز قاچاندا سايرىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇ سىزدىن: «ئۇ كىم؟» دەپ سورىمايدۇ. سىز يولدا باشقا ئاياللار بىلەن قولتۇقلىشىپ، چاقچاقلىشىپ ماڭسىڭىزمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر. چۈنكى بۇ چاغدا ئۇنىڭ سىزگە بولغان ھېسىياتى ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن بولىدۇ؛
شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، سىز نەچچە يۈەن مۇئاش ئېلىپ بىر ئۆينى قامدىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ سىزنى سۆيگەنلىكى، سىز نەچچە مىڭ يۈەنلەپ مۇئاش ئالغان چاغدا سىزنى تاشلاپ كەتكىنىمۇ راس. چۈنكى بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى پۇل ھەممىدىن مۇھىم ئورۇننى ئىگەللىگەن بولىدۇ. يۇقىرقىلار ئۆي-ئوچاقلىق بولغان ھەر قانداق بىر ئەر ئۈچۈن ئەسكەرتىش. سىز ئايالىڭىزنىڭ سىزگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالماقچى بولىدىكەنسىز، ئۇنى پۇل بىلەن ئەمەس، ھەقىقىي چىن مۇھەبىىڭىز بىلەن تۇتۇپ تۇرۇڭ. چۈنكى ئاياللار چىن سۆيگىگە، ھەققىي كۆيۈنۈشكە ئەڭ مۇھتاج.